تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

ئارشاڭدىكى ئۆردەكلەر

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى خەۋەر قىلىدۇ): يېقىندا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەسى چاغانتوڭگى يېزىسى سۇمۇخوتخۇر كەنتىدە نەچچە مىڭ يېشىل باش ئۆردەك ياۋا ئۆردەك ساھىلىغا توپلىشىپ، بۇ يەرگە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى.

ياۋا ئۆردەك ساھىلىدا بەخىرامان يۈرگەن يېشىل باش ئۆردەكلەر. (ئىختىيارىي مۇخبىر لى گاڭ فوتوسى)

ياۋا ئۆردەكلەر بەزىدە توپ-توپ بولۇپ پەرۋاز قىلسا، بەزىدە ئوينىشىپ تەرەپ-تەرەپتىن ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. (ئىختىيارىي مۇخبىر لى گاڭ فوتوسى)

  سۇمۇخوتخۇر كەنتى بورتالا دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان جاي بولۇپ، قويۇق قومۇشلۇقلار ياۋا قۇشلارنى تەبىئىي ياشاش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر يىلى قىش، ئەتىياز پەسلىدە زور تۈركۈمدىكى يېشىل باش ئۆردەكلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ، ماكانلىشىدۇ، ياۋا ئۆردەكلەر توپلاشقان دەريا ساھىلى تەدرىجىي ھالدا كىشىلەر تەرىپىدىن «ياۋا ئۆردەك ساھىلى» دەپ ئاتالدى. ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، قىش، ئەتىياز پەسلىدە بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشقان ياۋايى قۇشلار يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن، ياۋا ئۆردەكلەردىن باشقا يەنە ئاق قۇ، ئۇقار، قارنا قاتارلىقلار بار ئىكەن.

قويۇق قومۇشلۇقلار ياۋا قۇشلارنى تەبىئىي كۆپىيىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر لى گاڭ فوتوسى)

ياۋا ئۆردەكلەر شەپىنى ئاڭلىغان ھامان تېز سۈرئەتتە ئۇچۇپ، دەريانىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر لى گاڭ فوتوسى)

   سۇمۇخوتخۇر كەنتى ئاھالە كومىتېتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كەنت ئاھالە كومىتېتى ھەر كۈنى ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياۋا ئۆردەكلەرنى چۆچۈتۈپ قويماسلىق ھەم ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىگە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، كۆپچىلىككە بۇ قۇشلارغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكنى ئەسكەرتكەن.

قۇشلار بۇ خىلۋەت جاينى تېخىمۇ ئاۋاتلاشتۇردى. (ئىختىيارىي مۇخبىر لى گاڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى