تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بىكار تۇرالمايدىغان ياڭ يۈجيې

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ ۋېي خەۋىرى): چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ چارۋىچىلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ياڭ يۈجيې بىر مىنۇتمۇ بىكار تۇرالمىدى. مۇخبىر ئۇنى كۆرگەندە، ئۇ قارا رامكىلىق كۆزەينەك تاقاپ، كەنتنىڭ بۇ يىلقى خىزمەت پىلانىغا دىققەت قىلىۋاتاتتى، دەپتەرگە ئۇنىڭ چارۋىچىلىق كەنتىگە بولغان پىلانى يېزىلغانىدى.

پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە چارۋىچىلارنى زىيارەت قىلىش، ئۇلاردىن ھال سوراش، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىساد كەسىپلەر يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئۇ يېقىندا قىلماقچى بولغان بىر قانچە چوڭ ئىش ئىدى.

سانجى شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى چۆللۈكتە، چارۋىچىلىق كەنتىدىكى ئون ئائىلىلىك چارۋىچى تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار بىلەن كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئارىلىقى 30 كىلومېتىردىن 50 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ، ئائىلە بىلەن ئائىلە ئارىسىدىكى ئارىلىق يېقىن بولغاندا بەش-ئالتە كىلومېتىر، يىراق بولغاندا 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ.

خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىدىكى كادىرلار گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ۋە مەخسۇس چارۋىچىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ چارۋا بېقىشى ئۈچۈن «ئۆلچەپ زاكاز قىلغان» چوڭ سىغىملىق ئىسسىقلىق ساقلاش ئىستاكانى قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئۇلارغا بايراملىق بەخت تىلىدى.

لاقىن ئايىسقان 80 نەچچە قوي باقىدۇ، يەر كىرىمىنى قوشقاندا، يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. ياڭ يۈجيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: لاقىن ئايىسقاننىڭ قىزى 2020-يىلى شىنجاڭ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلدى، ئوغلىمۇ بۇلتۇر ئەلا نەتىجە بىلەن شاڭخەي مالىيە-ئىقتىساد داشۆسىگە ئۆتتى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرىنى كۆرۈپ، لاقىن ئايىسقان خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىسا، مېنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشۇم بولمايتتى، سىلەرنىڭ دائىم مېنى يوقلاپ تۇرغىنىڭلارغا رەھمەت.

مەخمەت ئوراز 10 يىل ئىلگىرى بەش ئائىلىلىك دېھقاننى يېتەكلەپ، شاموجىدەن تۆگە باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغان، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ھازىر 200 نەچچە تۆگە بار، ئەزالار تۆگە سۈتى ۋە تۆگە يۇڭى سېتىشقا تايىنىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمىنى 200 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى. مەخمەت ئوراز خۇشال ھالدا ياڭ يۈجيېغا مۇنداق دېدى: «ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى شۇنچە ياخشى، مەن ياخشى باشلامچى بولۇپ، يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى بارغانسېرى زورايتىپ، كۈنلىرىمنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزىمەن».

بىر ئائىلىدىن يەنە بىر ئائىلىگىچە، ئاپتوموبىل قار قاپلىغان توپا يولدا سىلكىنىپ كېتىۋاتاتتى، پەقەت شالاڭ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان سۆكسۆك شامالغا ئەگىشىپ يېنىك تەۋرىنىپ تۇراتتى. «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرى قەلبىگە <ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابى> ئورنىتىپ، چەت، يىراقتىكى ھەر بىر چارۋىچىنىڭ ئۆيىنى تېپىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلارنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈشى كېرەك» دېدى ياڭ يۈجيې.

بىر كۈن ئالدىراش بولۇپ، ياڭ يۈجيې كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ يېنىدىكى ياتاققا قايتىپ كەلدى، ئاشپەز ئۇستام پىشۇرغان قوناق ئۇمىچى قازاندا بۇلدۇقلاپ قايناۋاتاتتى. بۇ بىر نەچچە كۈندە قان بېسىمى سەل يۇقىرى ئىدى، ئۇ ئۈستەلدىكى دورىنى ئېلىپلا يېدى.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياڭ يۈجيې ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتە بولمايلا ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى. كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى ئەمەلىيەتچان، ئىش قىلغاندا سەمىمىي دېيىشەتتى.

ئاممىغا ھەر تەرەپلىمە كۆڭۈل بۆلۈشتىن باشقا، ياڭ يۈجيې يەنە ئامال قىلىپ تەرەققىياتنى كۆزلىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكۈچى شىركەتلەر... ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنتتىكى كەسىپلەر كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ