ئانار بۇلۇت خەۋىرى: ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى بولۇپ، باغراش ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بازىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت كارخانىلىرى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.
باغراش ناھىيەسى سەيكەننۇر يېزىسىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنىدا، دېھقانلار خىمىيىۋى ئوغۇت تاللاش، ئۇرۇق تاللاش، سولياۋ يوپۇق كۆرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
«بۇ يىل 40 نەچچە مو يەر تېرىدىم، 100 نەچچە كىلوگىرام سولياۋ يوپۇق سېتىۋالدىم، يەر تېرىغاندا يەنە ئازراق خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋالىمەن، يېزىدىكى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكانلىرىدا سېتىۋالسىمۇ قولايلىق» دېدى سەيكەننۇر يېزىسى سەيكەننۇر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ شىنپىڭ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل باغراش ناھىيەسىدىكى كۆپلىگەن دېھقانلار يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تېلېفون ياكى ۋېيشىن ئارقىلىق زاكاز قىلدى، تىجارەتچىلەر مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
«چاغاندىن بۇرۇن 100 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە 400 توننىدىن ئارتۇق سولياۋ يوپۇق تەييارلىغان ئىدۇق، ھەممىسى زاكاس قىلىنىپ بولدى» دېدى سەيكەننۇر يېزىسىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى ليۇ يۈرۇڭ.
باغراش ناھىيەلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ جىنباۋ مۇنداق دېدى:«تەمىنات-سودا كوپىراتىپى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى دۇكانلىرىنى تەشكىللەپ، تۈرلۈك خىمىيەۋى ئوغۇت، سولياۋ يوپۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى زاپاس ساقلىدى، ھازىر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ زاپىسى يېتەرلىك، تۈرلىرى تولۇق بولۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ».
مەنبە: باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر چېن يەنچۈن