تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پومپېئونىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلايمىز

شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورچىلىرى جەمئىيىتى

پومپېئونىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلايمىز

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورچىلىرىنىڭ نەزەرىدە، پومپېئو نىقابلىنىۋالغان ساختىپەز. ئۇ يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار سەپسەتە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئاساسسىز ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا غەرەزلىك بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم بولغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتىگە خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورچىلىرى ساھەسىدىكىلەر بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، پاكىت ئارقىلىق ئۇنىڭ نىقابىنى يىرتىپ تاشلايدۇ.

شىنجاڭ تارىختا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىلىشىدىكى دەرۋازا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھېسسىيات يۆلەنچۈكى، قەلب ماكانى ۋە مەنىۋى ماكانى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى بولغان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مەدەنىيەت - سەنئەت خىزمەتچىلىرى بوشاشماي تىرىشىپ، مەدەنىيەت - سەنئەت ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈردى، راۋاجلاندۇردى، نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈردى، زور بىر تۈركۈم دەۋر مېلودىيەسىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، شەكلى كۆپ خىللاشقان، قويۇق مىللىي ئۆرپ - ئادەت ۋە رايون خاسلىقىغا ئىگە، ئىدىيەۋىلىك، بەدىئىيلىك ۋە ھۇزۇرلىنىشچانلىق بىر گەۋدىلەشكەن، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر تىياتىر(نومۇر)لار بارلىققا كەلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورچىلىرى ھەرقايسى سەنئەت تۈرلىرى بويىچە ئەدەبىيات - سەنئەت ئوبزورچىلىقى خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى، تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، جەمئىيىتىمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «خەلق گېزىتى» «نۇر گېزىتى» «جۇڭگو سەنئەت گېزىتى» «ئاۋام ئەدەبىيات - سەنئىتى» «شىنجاڭ سەنئىتى» قاتارلىق تاراتقۇلاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر، 20 پارچىدىن ئارتۇق يىرىك ئەسەرنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىۋاتقان تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، شىنجاڭدا ئىقتىساد، مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق نامايان قىلدى.

ھازىرقى شىنجاڭدا، جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، خەلق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىۋاتقان، تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىلدە تۇرماقتا. پومپېئو كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىدى، ئۇنىڭ سالاپەتلىك قىياپەتكە كىرىۋالغان نىقابى ئاستىغا رەزىللىكى يوشۇرۇنغان. ئۇنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىسى چوقۇم تارىخنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ