تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بەختنىڭ ئاساسىي رېڭىنى جۇلالاندۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا

بۇ يىل چاغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شوپۇرى مەتتۇرسۇن ئەيسا خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى. تۆت يىل ئىلگىرى، ئۇ خوتۇنى بىلەن چىرا ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئايلىق كىرىمى 7000 يۈەندىن ئاشتى، بالىسىمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئوقۇيدۇ. «بىز نامرات ئائىلە قالپىقىنى ئېلىۋەتتۇق، كىرىمىمىز مۇقىم بولدى، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى مەتتۇرسۇن.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 14 مىليون 330 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگەن مەتتۇرسۇنغا ئوخشاش يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، تاپىدىغان پۇلى بار بولدى، كۈنلىرى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ، تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختكە تولدى.

ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ پۇل تاپالايدىغان ھەم ئائىلىسىدىكىلەردىن خەۋەر ئالالايدىغان بولدى

«ياخشىمۇسىز، كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز، بۇياققا مەرھەمەت.» 2 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرى ئالتىلە كەنتىدىكى ئېكولوگىيەلىك قۇياش نۇرى ئاشخانىسىدا، مۇلازىمەتچى روزىگۈل مېھماننىياز مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

روزىگۈل ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى. 2018 - يىلى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئۇنى بۇ ئاشخانىدا مۇلازىمەتچى بولۇشقا تونۇشتۇردى. بۇ يەردە، ئۇ مېھمان كۈتۈش قائىدە - يوسۇنلىرى ۋە قاچا - قۇچىلارنى تىزىش، قورۇمىلارنى ئۈستەلگە چىقىرىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە ئاشپەزدىن بىرقانچە خىل ئالاھىدە قورۇمىنى قورۇشنى ئۆگىنىۋالدى. «ئىشلەيدىغان جاي ئۆيۈمگە بەك يېقىن، ھەم پۇل تاپالايمەن، ھەم ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، بەك ياخشى بولدى» دېدى ئۇ خۇشال ھالدا.

ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقاندا، دېھقانلار ھەم كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ، ھەم ئېتىز ئىشىنى قىلالايدۇ ۋە ئائىلىسىدىكى ياشانغانلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ، بۇ، يېزىلاردىكى كۆپ ساندىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇردى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىپ، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئىستېمال، ئېلېكتىرون، ئاياغ - باش كىيىم، چامادان - سومكا قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كەنت قۇرغان زاۋۇت، نامراتلارنى يۆلەش سېخى بەرپا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلىپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك - مۇلازىمەت ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىغا يار - يۆلەك بولدى، كەسىپ(سانائەت)لەر باغچە رايونلىرىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى ئىشىكى ئالدىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، سىجىل ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردى.

بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 3 مىليون 154 مىڭ 700 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارلا 2 مىليون 883 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتتى.

بىر ماھارەت ئىگىلىگەندە ئۆمۈر بويى نەپكە ئېرىشكىلى بولىدۇ

بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 1 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ماھارەت مۇسابىقىسى «جۇڭخۇا ئالاھىدە ماھارىتى» نەق مەيدان كۆرگەزمە پائالىيىتىدە، كۇچا شەھىرىدىن كەلگەن رىشىت ھىمىت ئۆزگىچە ھۈنىرى − كۇچا چوڭ نېنى يېقىشنى كۆرسەتتى، كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى نەق مەيداندا تولىمۇ ئالقىشلاندى.

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، كۇچا چوڭ نېنى يېقىش ھۈنىرى مەملىكەتلىك «جۇڭخۇا ئالاھىدە ماھارىتى» بويىچە 12 - لىككە ئېرىشتى. «مەن بىر ئۆمۈر نان ياقتىم، بۇ خىل ھۈنەرگە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى رىشىت.

رىشىتنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز «شىنجاڭدىكى ناۋاي»لارنى باھالاپ بېكىتىش خىزمىتىنى يېڭىلىق يارىتىپ قانات يايدۇردى، تۇنجى تۈركۈمدە «شىنجاڭدىكى ناۋاي»دىن 200نى ۋە «شىنجاڭدىكى ناۋاي»لارنى تەربىيەلەش ئاپپاراتىدىن 70نى، «شىنجاڭدىكى ناۋاي»لارنىڭ ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش ئاپپاراتىدىن 50نى باھالاپ بېكىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 33 ناھىيە، شەھەرنىڭ «شىنجاڭدىكى ناۋاي»لارنىڭ ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش ئاپپاراتى بىلەن تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نانچىلىق كەسىپكارلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىشى، باھالاشقا قاتنىشىپ گۇۋاھنامە ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئاپتونوم رايون نانچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا. ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان خادىملارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىنى ماھارەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ماھارەت ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ماھارەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىغا باشلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر، ئاپتونوم رايونىمىز 1 مىليون 231 مىڭ 400 ئادەم قېتىمنى تۈرلۈك كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنى %111.95 ئورۇندىغان.

بىرسىگە بېلىق بەرسەڭ، ئۈچ ۋاق تاماققا يېتەر؛ بېلىق تۇتۇش ماھارىتىنى ئۆگەتسەڭ، بىر ئۆمۈر ئەسقاتار. بۈگۈنكى كۈندە، يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەك كۈچى تېخنىكا ماھارىتىگە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى. «مەن تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە بۇ ھۈنىرىمگە تايىنىپ ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئاچا - سىڭىللارنى تېخىمۇ گۈزەل قىلالايدىغان بولدۇم» دېدى قاراقاش ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن خالىدەم نەبى.

ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى

«بىز ناھىيە بازىرىدىن ئۆي سېتىۋالدۇق، كېيىنكى قەدەمدە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى پىلانلىدۇق، بەختىمىزگە يارىشا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى توقسۇن ناھىيەسىدىكى بىر كارخانىدا ئىشلەيدىغان تۇراپ سوپۇر مۇخبىرغا.

تۇراپنىڭ ئۆيى يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ يامانيار يېزىسى مازار كەنتىدە، ئائىلىسى ئىلگىرى نامرات ئائىلە بولۇپ، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتنىمۇ سېتىۋالالمىغانىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ پايدىسىدا، ئۇ خوتۇنى بىلەن بىللە توقسۇن ناھىيەسىدىكى بىر كارخانىغا بېرىپ ئىشلىدى، ھازىر ئىككىيلەننىڭ ئايلىق كىرىمىنى قوشقاندا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ، ئۇلار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە توقسۇن ناھىيە بازىرىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ ماكانلاشتى، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ غەيرىتى ئاشتى.

ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. ئاپتونوم رايون دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 2018 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 100 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق پىلانىنى يولغا قويدى.

نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، «ماھارەت + دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى + ئاساسىي ئەمگەك ساپاسى» بويىچە بىرىكمە شەكىلدىكى تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، بۇلتۇر 391 مىڭ 100 ئادەم قېتىم نامرات ئەمگەك كۈچى تەربىيەلىنىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 149 مىڭ 700 ئادەم قېتىم كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %62.01 بولدى.

«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ نامرات نوپۇسنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 50 مىڭ نامرات ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى.» بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا، ئېنىق سان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نەتىجە - ئۈنۈمىگە گۇۋاھ بولدى.

ھەممە ئائىلىنىڭ چىقىش يولى بولۇش، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇش. «13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سىجىل يولغا قويغان يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشىغا ئايلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئەمگەك كۈچىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ بەخت يولىغا باشلىدى. ئۇلارنىڭ «ھەميېنى» بارغانسېرى تومپايدى، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كۆڭلى بارغانسېرى ئازادىلىككە تولدى، چېھرىدە تەبەسسۇم بارغانسېرى جىلۋىلەندى.

«قانچە تىرىشقانسېرى، شۇنچە بەختلىك بولغىلى بولىدىكەن.» ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسىدىكى بىر ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا شىركىتىدە بۇ يېزىنىڭ ئارا مەھەللە كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ئاينۇر ھاكىم ئىشلەيدۇ، «بىز ئۆيدىن چىقىپ زاۋۇتقا كىردۇق، ئۆيىمىزدە يەنە قوي - كالا باقتۇق، كىرىمىمىز يىلدىن - يىلغا كۆپەيدى. پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، بىز يەنە تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى