ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك 4 - ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2021 - يىلى «14 - بەش يىل» باشلانغان يىل، شۇنداقلا پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىدىيە ئامبىرى» ۋە «ئاقىللار ئۆمىكى»لىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىلىمىنى شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا ئىشلىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پەلسەپە - ئىجتىمائىي پەن خىزمەتچىلىرى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش، قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلىتىشتە ياخشى «باشلامچى» بولۇشى؛ ئىلىمدە يېڭىلىق يارىتىشقا، سىستېما قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ جاۋاب بېرىشتە ياخشى «باشلامچى» بولۇشى؛ تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ماركسىزمنى ئاممىبابلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى «ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئائىلىلىرىگە سىڭدۈرۈش»تە ياخشى «تەشۋىقاتچى» بولۇشى؛ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش تەشۋىقات - تەربىيەسىدە ياخشى «بايان قىلغۇچى» بولۇشى؛ سىياسىيدا چېنىقىش، ئەمەلىيەتتە چېنىقىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە ياخشى «ئاساسىي قوشۇن» بولۇشى كېرەك.