ئانار بۇلۇت؛ 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلاردا ساغلىقلار ئارقا-ئارقىدىن تۆللىدى، تۆل ئېلىش دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ چوڭ ئىشى بولۇپ قالدى.
بۇ مەزگىلدە، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلار تېخنىكلارنى تەشكىللەپ چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش، تۆل ئېلىش، چىشى چارۋىلارنى تۆللەشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى بېقىش-باشقۇرۇشقا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالاقىدار بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ چارۋا ئىشلەپچىقىرىشىغا ئائىت بىلىملەرنى ئىگىلەش ۋە قوللىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەتىيازلىق تۆللەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇردى.
ئىلگىداي كەنتىنىڭ ئاھالىسى بازىلىجان سابۇلالنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرغىنىغا 20 يىلغا يېقىن بولدى، ھازىر قوتاندا 120 قويى بار.
بۇ مەزگىلدە، توققۇزتارا ناھىيەسى چارۋىچىلارنىڭ يەم-خەشەك زاپىسى، چارۋىلارنى كۆچۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ، چارۋىچىلارغا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىپ، چارۋىچىلارنىڭ ئەتىيازلىق تۆل ئېلىش ئىشلەپچىقىرىشىدا يولۇققان مەسىلىلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئەتىيازلىق تۆل ئېلىش خىزمىتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
تاشتۆپە يېزىسى ئىلگىداي كەنتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى تالاپنۇر سېرىك مۇنداق دېدى:«ئەتىيازلىق تۆل ئېلىش مەزگىلىدە، بىز كەنت كادىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ، ئەتىيازلىق تۆل ئېلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق، چارۋىچىلىق ئىدارىسى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تۆل ئېلىش مەزگىلىدە يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردۇق».