تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋەكىللەرنىڭ 450 تەكلىپى بىرتۇتاش بېجىرىشكە تاپشۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ۋەكىللەرنىڭ 450 تەكلىپى بىرتۇتاش بېجىرىشكە تاپشۇرۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى مەزگىلىدە ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قانۇن بويىچە بىرتۇتاش بېجىرىشكە تاپشۇرۇپ، بۇ يىللىق ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەشنى تەتقىق قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى، ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىغا ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى مەزگىلىدە، ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يىغىنغا 450 ۋەكىللەر تەكلىپى سۇنغان. ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم ۋەكىللەرنىڭ ئىنكاسى بىرقەدەر مەركەزلەشكەن، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىلىدىغان ۋەكىللەر تەكلىپىدىن 12نى بېكىتكەن.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق تونۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى قاتتىق تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، سەرخىل نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ۋەكىللەر تەكلىپلىرىنىڭ بېجىرىلىش جەريانىنى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئىستىلنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشكە تۈرتكە بولۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ھەرقايسى ئورۇنلار بېجىرىشتە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بېجىرىشتىن ئىلگىرىكى، بېجىرىش جەريانىدىكى، بېجىرگەندىن كېيىنكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، بېجىرىش خىزمىتىنىڭ دەل جايىدا بولۇشى، ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى سىياسەت تۈزۈش، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئېنىق، كونكرېت بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرۈپ ۋەكىللەرگە جاۋاب بېرىپ، ۋەكىللەرنى ھەقىقىي رازى قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا، سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن بادەي، سو يۆ، توختى ياقۇپ يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن سىلىڭيۈەن لۇ شۈپىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەركىبىدىكى تارماقلار قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ