تىيانشان تورى خەۋىرى: تېمپىراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى تۆمۈريول تىرانسىپورتى ئارقىلىق ھەر قايسى بېكەتلەرگە يەتكۈزدى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قومۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى قومۇل ۋوگزالى ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى قومۇل يۈك تىرانسپورت مەركىزىگە بېرىپ بىخەتەرلىكنى تەكشۈردى. ئۇلار يۈك مەيدانىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان يۈك پويىزىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، يۈك مەيدانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى بەردى ھەم نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى تەكشۈرۈپ تىزىملاپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ماددىي ئەشيالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، دېھقانلارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەت قىلدى.



