تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

بۇرچىن: ئېلېكتىرونلۇق سودا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بېيىشىغا كۈچ قوشتى، يان تېلېفون يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى «ئاچتى»

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى: ئالاقە تورى ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىستېمال ئەندىزىسىگە زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى، بۇرچىن ناھىيەسى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ خاس مەھسۇلاتلارنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق سېتىپ، تەسىر كۈچى ۋە كىرىمدە تەڭ پايدا ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  «بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدىكى تورداشلار، ھازىر مەن كۆپچىلىككە بىزنىڭ يەرلىك تاغ گۈلى ھەسىلىنى تونۇشتۇرىمەن، كۆپچىلىك بۇ ھەسەلنىڭ رەڭگىنىڭ ناھايىتى سۈزۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر. قىزىققان دوستلار ماڭا سۆز قالدۇرۇپ سېتىۋالساڭلار بولىدۇ.» 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىر ئېگىز تۆبە يېزىسى قىزىل توگەي كەنتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تاللا بازىرىدا كەنت ئاھالىسى قاماش سادىرخاننىڭ ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەۋاتقانلىقىنى كۆردى، يېقىندا ئۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىش نومۇرىنى ئاچتى، ھەمدە «بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش» شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى تورداشلارغا يۇرتىنىڭ قۇرت، ھەسەل قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇردى.

  43 ياشلىق قاماش سادىرخان ئەسلىدە ۋاكالىتەن چارۋا بېقىش ئارقىلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئاساس قىلاتتى، ياساپ چىققان قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنىڭ سودىسى ئىزچىل ياخشى بولمىدى، بۇ يىلدىن باشلاپ، ئۇ ياسىغان قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ بازارغا سېلىپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپلا قالماي، يامان ئەمەس پايدىغا ئېرىشتى.

  «ھازىر تور سۇپىسى ئارقىلىق خاس مەھسۇلاتلارنى سېتىپ ھەر ئايدا 1000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىمىم كۆپەيدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن كىشىلەر تور سۇپىسى ئارقىلىق تونۇشتۇرغان مەھسۇلاتلىرىمغا بىر قەدەر قىزىقىدۇ، بۇ مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سېتىشىمغا ياخشى سۇپا ھازىرلاپ بەردى» دېدى قاماش سادىرخان.

  «قىزىل توگەي كەنتىمىز دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ۋۇسەيتەن مەنزىرە رايونىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىگە تايىنىپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ياردىمى، شۇنداقلا كەنت <ئىككى كومىتېت>ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە قارىشىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، كەسپىي ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىنى ئېچىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا تايىنىپ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ۋە سېتىپ چىقاردى، كېيىنكى قەدەمدە، بىز دېھقان-چارۋىچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنى <بېيىش پويىزى>غا چىقىرىمىز» دېدى قىزىل توگەي كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى خې ۋېيچيەن.

  (تەمىنلىگۈچى: بۇرچىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى جەزىرە)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ