تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىختىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخى قاينام-تاشقىنلىققا، رەڭدارلىققا تولغان بولۇپ، قۇدرەتلىك كۈچ ۋە چەكسىز ئەقىل-پاراسەتكە تولغان. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، نەزەر دائىرە كەڭ، ئىدىيە چوڭقۇر بولۇپ، بۇ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە پۈتۈن پارتىيەگە سۆزلەنگەن بىر قېتىملىق جانلىق پارتىيە دەرسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى تۈپ مىزان قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، تارىختىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق پارتىيە تارىخى باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان تارىخ، بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مەردان مۇقىيت مۇنداق دېدى: پارتىيە تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى يەنىمۇ ھېس قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا ئىدىيەۋى كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، دەۋر بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى، يېڭى نەتىجىلەرنىڭ يارىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

«بىز بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا توغرىلىنىپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمىز. پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساقلا، قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىجتىمائىي مۇقىملىق، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كونكرېت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى مېڭ خەنجياڭ مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، تەشكىلىي لۇشيەننى سىياسىي لۇشيەن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش مەسئۇل تارمىقى بولۇشتەك فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىمىز، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، دەرس سىستېمىسى، دەرسلىك سىستېمىسى، بايلىق سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەكتىپى قاتارلىق ئاساسىي بازىلارغا تايىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى داۋاملىق چىڭ تۇتىمىز، ئۈنۈم ھاسىل قىلىمىز».

«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەنى تارىخىي تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىپ، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىيەلەيدۇ.» بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى نازارەتچىلىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى پېڭ چۇنخۇا مۇنداق دېدى: «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز».

«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش بىزنىڭ ئىدىيەۋى روھنى، قىزىل يىلتىزنى پۇختىلىشىمىزغا، بىزنىڭ كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىمىزگە پايدىلىق.» چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن شىخۇا مۇنداق دېدى: «پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە مەسئۇلىيىتىم مۇھىم، زور، مەن كەسپىي ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن».

«كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمەن.» قاراقاش ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى ئاياغ گۇرا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى مەتساۋۇر مەمەتئابلا مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىمەن.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ياڭ شۇخەن، جاڭ جىلى، گې يوۋجۈن، جەزىرە نېسىپبېك، پەرىزات ئابدۇل، ئىختىيارىي مۇخبىرلار گۈلمىرە مۇسا، لى نا)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ