باش باھار مەزگىلىدە، خېنەن ئۆلكىسى لۇشەن ناھىيەسى تۇەنچېڭ يېزىسىدىكى ماگنولىيە گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، تاغلار گۈزەل تۈسكە كىرىپ، باھاردىكى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچنى ئەكس ئەتتۈردى.
لۇشەن ناھىيەسى تۇەنچېڭ يېزىسىنىڭ ماگنولىيە گۈلى تېرىلغۇ كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ئېشىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 800 مىڭ جىڭ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 9 مىليون يۈەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇەنچېڭ يېزىسى ئەسلىدىكى تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش، سورتنى ياخشىلاش ئارقىلىق نامرات ئاممىنى تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، باغۋەنچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، 517 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
شىنخۇا تورى تارقاتتى (ما جىنۋېي فوتوسى)
«شىنخۇا تورى» دىن تەرجىمە قىلىندى