تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى): ھازىر، تۇرپاندىكى كۆكتات پارنىكلىرىدا تېرىلغان «ئەتىيازدا بالدۇر يېتىشتۈرىدىغان» كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈشى ياخشى بولماقتا.
2-ئاينىڭ 19-كۈنى، تۇرپان شەھىرىدىكى چېڭشىن كۆكتات تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى كۆكتات پارنىكىدا ئوت-چۆپلەرنى ئوتىدى، پۇتىدى ۋە چاڭلاشتۇردى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 150 ئەزاسى بار بولۇپ، 580 پارنىكقا «ئەتىيازدا بالدۇر يېتىشتۈرىدىغان» كۆكتاتلارنى تېرىدى. «لازا مايسىسى 40~30 سانتىمېتىر، شوخلا مايسىسى 50~40 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسۈپتۇ. شوخلىنى چاتاپ، ئارتۇقچە يان شاخلارنى ئۈزۈۋەتتىم» دېدى تۇرپان شەھىرىدىكى چېڭشىن كۆكتات تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى لو شىن.
تۇرپان شەھىرىدىكى جۈجۇڭ مېۋە-كۆكتات تېرىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى 400دىن ئارتۇق پارنىكقا «ئەتىيازدا بالدۇر يېتىشتۈرىدىغان» كۆكتاتلارنى تېرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە لازا، خاڭگا، چەيزە، شوخلا، خۇلۇ قاتارلىقلار بار. «مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا لازىنى ئۈزۈپ بازارغا سېلىش مۆلچەرلەنمەكتە، شوخلا 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كېيىن بازارغا سېلىنىدۇ» دېدى تۇرپان شەھىرىدىكى جۈجۇڭ مېۋە-كۆكتات تېرىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى جاڭ شيەنچۇن مۇخبىرغا.
مۇخبىرنىڭ تۇرپان شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تۇرپان شەھىرى «ئەتىيازدا بالدۇر يېتىشتۈرىدىغان» كۆكتات تېرىش كۆلىمىنى 15 مىڭ مودىن 19 مىڭ موغىچە مۇقىملاشتۇرغان. 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تۇرپان شەھىرىنىڭ «ئەتىيازدا بالدۇر يېتىشتۈرىدىغان» كۆكتاتلىرى تۈركۈملەپ بازارغا سېلىنىپ، ئاساسلىقى ئۈرۈمچى بازىرىنى تەمىنلەپ، 5-ئاينىڭ ئاخىرى، 6-ئاينىڭ بېشىغىچە سېتىلىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى كۆكتات كەسپى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، يەرلىك كۆكتاتلار ئىچىدە، تۇرپاندىكى «ئەتىيازدا بالدۇر يېتىشتۈرىدىغان» كۆكتاتلار ھەر يىلى ئۈرۈمچىنى ئەڭ بالدۇر تەمىنلەيدىكەن. ھەر يىلى قىشتا ئۈرۈمچى بازىرىنى تەمىنلەيدىغان كۆكتاتلارنىڭ %85تىن كۆپرەكى ئىچكىرى رايونلاردىن كەلتۈرۈلىدىكەن.