تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

ئىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى: ھەممە يەر باھار نۇرىغا چۆمۈلدى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما شۆجياۋ خەۋىرى): دېھقانلار كالېندارى بويىچە چاغاننىڭ 3-كۈنىدىن كېيىنلا، 4-شى كۆكدالا شەھىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچى ئامما ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى.

2-ئاينىڭ 14-كۈنى، 4-شى چۇاڭجىن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 62-تۇەن ئاساسىي قاتلام كوپىراتىپىنىڭ ئىسكىلاتىدا، خالتا-خالتا خىمىيىۋى ئوغۇتلار رەتلىك تىزىلغان ئىدى.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ يىل، 62-تۇەن ئاساسىي قاتلام كوپىراتىپلىرى بالدۇرلا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئېھتىياج ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە باشلاپ، تۇەن-چاڭدىكى توققۇز يېزا ئىگىلىك ليەندۈيى ۋە ھەرقايسى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مال مەنبەسى، زىچ توقۇش-تەقسىملەش تورىنى تەشكىللەپ، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

يۆتكەش، كۆچەت تىكىش، سۇغىرىش... ئىللىق باھاردىن پايدىلىنىپ، 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، 73-تۇەن 8-ليەن يىشىن مېۋە-كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پارنىكىدا، ئەزالار شېڭنۈگو مايسىسى تىكىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

بۇ يىل، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى جەمئىي 50 پارنىكقا شېڭنۈگو مايسىسى تىكتى.

يىشىن مېۋە-كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن بۇيان، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى، بېيىش قابىللىرى باشلامچى بولۇپ، بىر قولدا يېزا ئىگىلىك يېڭى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى تۇتسا، بىر قولدا سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇپ سېتىشنى تۇتۇپ، ئەزالارنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى ئېچىشقا يېتەكلىدى.

پارنىك ئىچىدىكى ياپيېشىل مېۋىلىك كۆچەتلەرنى كۆرۈپ، دېھقان ۋاڭ جيۇسەينىڭ كۆڭلى يايراپ كەتتى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«دېھقانلارغا نىسبەتەن، پارنىكتا مېۋە-چېۋە تېرىش قانچە بالدۇر بولسا، بازارغا سېلىش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. بىز دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالدى بىلەن شېڭنۈگو تېرىدۇق، ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن ئاندىن شوخلا تېرىساق، بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالالايمىز».

68-تۇەندە، «پەن-تېخنىكا قىشى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىمۇ يېقىندا رەسمىي باشلاندى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ تۇەن مۇتەخەسسىسلەرنى ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىغا دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىپ، كۆپچىلىكنى تېخنىكا بىلىدىغان، تىجارەت قىلالايدىغان يېڭى تىپتىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەردىن بولۇشقا يېتەكلىدى. دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بۇ تۇەننىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، شال بىلەن راكنى تەڭ تېرىپ، بېقىش، كېسەللىك، زىيانداش ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىغا ئەمەلىي يېڭى تېخنىكا سۆزلەپ بەردى.

دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى تەييارلاش، تېخنىكا يەتكۈزۈش، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇش... ئىلى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى زېمىنىدا، ئىشچى-خىزمەتچى ئامما جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ