تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، پىچان ناھىيەسىدىكى پارنىكلار يېشىللىققا پۈركەندى، توغاچ شاپتۇل، ئۈزۈم قاتارلىقلارنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلدى. مۇخبىر باغۋەن ليۇ رۇڭلىننىڭ پارنىكىدا، ئۇنىڭ ئىشچىلار بىلەن بىللە شاپتۇل دەرىخىنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرىنى پۇتاپ، «كالا» يىلىدا توغاچ شاپتۇلىدىن ياخشى ھوسۇل ئېلىشتا ئۈمىد بارلىقىنى كۆردى.
باغۋەن ليۇ رۇڭلىننىڭ پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان بولۇپ، قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتات قاتارلىقلارنى تېرىپ باققانىدى، ھازىر توغاچ شاپتۇل، ئۈزۈم، قوغۇن ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدىغان بولدى. تۆت يىل ئىلگىرى، ئۇ ئۈچ پارنىكقا 1650 تۈپ توغاچ شاپتۇل تېرىغان بولۇپ، ھەر يىلى ھەربىر پارنىكنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 800 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولدى، بۇ يىل مەھسۇلات مىقدارىنىڭ بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۆلچەرلەندى.
ليۇ رۇڭلىننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆستۈرگەن ئۈزۈم جۈشېڭ 1-نومۇر بولۇپ، جەمئىي يەتتە پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن، 4-ئاينىڭ بېشىدا پىشىپ بازارغا سېلىنسا، ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 23 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەربىر پارنىكتىن 2000 كىلوگىرام ئۈزۈم سېتىلىدىكەن.
باغۋەن ليۇ رۇڭلىننىڭ توغاچ شاپتۇل، ئۈزۈم، قوغۇنلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى مۇۋاپىق، بازىرى ئىتتىك بولۇپ، ئاساسلىقى توردا شاڭخەي، بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا سېتىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ليۇ رۇڭلىن ئىستېمالچىلارنىڭ يېڭى «مېۋە تەخسىسى» ئېھتىياجىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆردى.
«ھازىر مېنىڭ تېرىقچىلىق كۆلىمىم كىچىك، ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىمەن، مەن يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرماقچى بولىۋاتىمەن» دېدى باغۋەن ليۇ رۇڭلىن.
مەنبە: پىچان ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
مۇخبىر ئالىنۇر ئەمەت
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى