تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

شايار ناھىيەسى: كالا باقمىچىلىق كەسپى بېيىش ئىشىكىنى ئاچتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دىڭ لىجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەكرەم خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرى گۆش كالىسى ئىلمىي باقمىچىلىق ئولتۇراق رايونىغا كىرگىنىڭىزدە، ئازادە، يورۇق كالا باقمىچىلىق قوتىنىدا كالىلارنىڭ مۆرىگەن ئاۋازى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

  بازارلىق چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى مەردان ئەنۋەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «2020-يىلى 7-ئايدا، باقمىچىلىق رايونى قۇرۇلۇشقا باشلىدى، ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 70 مو، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق قوتىنىدىن 102نى سېلىشنى پىلانلىدۇق، 5000 كالا سىغىدۇ، ھازىر 75ى سېلىندى، جەمئىي 3600 كالا بار. باقمىچىلىق رايونىدا 35 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئۇلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمى 25 مىڭ يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگىچە».

  شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى سىراجىدىن مەمەت مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر، ناھىيە بويىچە يېڭىدىن تۆت <ۋەنتوۋنيۇ> باقمىچىلىق رايونى قۇرۇلدى، 2019-يىلى ناھىيە بويىچە قوتاندىكى كالا مىقدارى ئاران 35 مىڭ تۇياق ئىدى، بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر قوتاندىكى كالا مىقدارى 65 مىڭ تۇياققا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شايار ناھىيەسى قوي كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى ئەندىزىسى ئارقىلىق كۆپەيتىش، بورداش، سويۇش، پىششىقلاشنى بىر گەۋدە قىلغان كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۆلچەملىشىش، كۆلەملىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە يېتەكلىدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ