تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كىرىچىنى چىڭىتىپ، چاغاننى تىنچ - ئامان، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى چاغان ئالدىدا ئۈرۈمچىدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈردى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كىرىچىنى چىڭىتىپ، چاغاننى تىنچ - ئامان، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لياڭ لىخۇا، ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: چاغان ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانى، شيەنلەي بازىرى كۇەنجەي كوچىسى، بېيجىڭ يولى خۇيجيا دەۋر سودا سارىيى، شىنجاڭ شۆفېڭ پەن - تېخنىكا(گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ دوستلۇق بەيشېڭ مال سېتىۋېلىش مەركىزىگە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، چاغانلىق يولۇچى توشۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا چاغان ئالدىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كاتتا بايرامنى خۇشال - خۇرام، خاتىرجەم، تىنچ - ئامان ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى قار تېيىلىش مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ تىجارەت مەزگىلىدىكى ساياھەتچىلەر ئېقىمى ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ھەم ئاسما ۋاگون قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىخەتەرلىك تورى، ئاسما يول قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھە - جابدۇقلىرىنى ئاسراش، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى ئازايتىپ، بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

شيەنلەي بازىرى كۇەنجەي كوچىسىدا، ئەركىن تۇنىياز سودىگەرلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلار جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ئوت مۇداپىئە مەسئۇلىيىتى بار ھەرقايسى ئورۇنلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرلەشمە مانېۋىرنى دائىم قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھادىسە يۈزبەرگەندە تېز، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

بېيجىڭ يولى خۇيجيا دەۋر سودا سارىيىدا، ئەركىن تۇنىياز تاللا بازىرىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، سودا ساراينىڭ ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: سودا ساراي ئادەملەر زىچ توپلىشىدىغان سورۇن، چوقۇم چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، بىخەتەرلىكنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جاڭ چۇنلىن شىنجاڭ شۆفېڭ پەن - تېخنىكا(گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى كۆزىتىش - كونترول قىلىش سىستېمىسىنى تەكشۈردى، كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك.

شىنجاڭ ئايرودۇرۇم(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، جاڭ چۇنلىن خىزمەتچى خادىملارنىڭ يولۇچى توشۇشتىكى بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولۇچىلارنىڭ تىنچ - ئامان، تەرتىپلىك، راۋان سەپەرگە چىقىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ دوستلۇق بەيشېڭ مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە، جاڭ چۇنلىن بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، «سەككىز تۈرلۈك كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مۇلازىمەت ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خېرىدارلارغا خۇشال - خۇرام، ئىناق بايرام كەيپىياتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ، چاغان مەزگىلىدە ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ