تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

توردا جۇڭگو بايرىمى . چاغان | «بۇ يىل بىز ئۈرۈمچىدە چاغان ئۆتكۈزىمىز»

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ تەۋەلىك رايونى داۋەن جەنۇبىي مەھەللىسى داۋەن شىنسۈن ئولتۇراق رايونىدا، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ئۈرۈمچىدە قېلىپ چاغان ئۆتكۈزىدىغان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە «قەلبلەرنى ئىللىتىش كاتتا سوۋغاتلىقى» يەتكۈزۈپ بەردى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ تەۋەلىك رايونى داۋەن جەنۇبىي مەھەللىسى داۋەن شىنسۈن ئولتۇراق رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلغىلى بەش يىل بولغان ما فۇلىن مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ئىشىك ئالدىغا ئەكىلىپ بەرگەن «قەلبلەرنى ئىللىتىش كاتتا سوۋغىتى» ۋە چۇنليەننى تاپشۇرۇۋالدى. «سوۋغاتنى ئەكىلىپ بەردى، يەنە بالىلىرىم ياخشى كۆرىدىغان پانۇس بار ئىكەن، چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئەتىگەندە چۇنليەننى ئىشىك ئالدىغا چاپلاپ قويىمەن، بۇ يىل بىز ئۈرۈمچىدە خۇشال-خۇرام چاغان ئۆتكۈزىمىز» دېدى ما فۇلىن.

  ما فۇلىن تاپشۇرۇۋالغان «قەلبلەرنى ئىللىتىش كاتتا سوۋغىتى» ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت يولغا قويغان «مەن ئۈرۈمچىدە چاغان ئۆتكۈزىمەن» تېمىسىدىكى 10 تۈرلۈك قەلبلەرنى ئىللىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىرى: ئۈرۈمچىدە قېلىپ چاغان ئۆتكۈزىدىغان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسى «قەلبلەرنى ئىللىتىش كاتتا سوۋغىتى» تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئىچىدە بىر پارچە رەھمەت خېتى ۋە ئالاھىدە نان، ليېبا، قوتۇرماچ، قۇرۇق مېۋە، پېچىنە قاتارلىقلار بار. ما فۇلىن تۇرۇشلۇق مەھەللە يەنە چۇنليەن، پانۇس، بەخت خېتى قاتارلىقلارنى تەييارلىغان بولۇپ، ئۇلارنى خاتىرجەم بايرام ئۆتكۈزۈش، ئىللىق بايرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  «مەن كەچتە ئۆيگە قايتقاندا، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى داۋەن شىنسۈن ئولتۇراق رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ، يەنە ماڭا كاتتا سوۋغات بەردى، مەن تولىمۇ تەسىرلەندىم، بۇ بىر كىشى قەلبىنى ئىللىتىدىغان چاغانلىق سوۋغات بولدى» دېدى لىن يى مۇخبىرغا. لى يى شىئەن شەھىرىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە رۇس تىلى تەرجىمانلىقى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 15 يىلغا يېقىن بولغان، ئاساسەن ھەر يىلى يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈپ كەلگەنىدى. بۇ يىل ئايروپىلان بېلىتىنى بالدۇرلا زاكاز قىلىپ، قايتىپ ئاتا-ئانام ۋە مومامنى كۆرۈپ كېلەي دېگەنىدىم. «بۇلتۇر يۇقۇم سەۋەبىدىن ھەربىرەيلەن شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلىدى، بۇ يىل ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنى كۆرۈپ، ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇۋېتىپ، ئۈرۈمچىدە قېلىپ چاغان ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدىم. مەن سىن ئارقىلىق ئۆيدىكىلەرگە ئەھۋال ياخشىلانسا، قايتىپ ئۇلارنى كۆرۈپ كېلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم».

  «لىن يى، ما فۇلىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىزنىڭ داۋەن جەنۇبىي مەھەللىسىدە جەمئىي 187 ئائىلە 360 سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى بار، بۈگۈن ئۇلارغا <قەلبلەرنى ئىللىتىش سوۋغىتى> ئاپىرىپ بەردۇق ھەمدە خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرىنى چۇنليەن يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە خۇشال-خۇرام چاغان ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ تەۋەلىك رايونى داۋەن جەنۇبىي مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ تىڭتىڭ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ تەۋەلىك رايونى داۋەن جەنۇبىي مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ تىڭتىڭ (ئوڭدا) ئۈرۈمچىدە قېلىپ چاغان ئۆتكۈزىدىغان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچى ما فۇلىن (ئوتتۇرىدا) ئائىلىسىگە «قەلبلەرنى ئىللىتىش سوۋغىتى» ئاپىرىپ بەردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ تەۋەلىك رايونى داۋەن جەنۇبىي مەھەللىسى داۋەن شىنسۈن ئولتۇراق رايونىدا، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى ۋە ئاھالىلەر شىپاڭنى بېزەپ، چاغاننى كۈتۈۋالدى.

  2-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ تەۋەلىك رايونى داۋەن جەنۇبىي مەھەللىسى داۋەن شىنسۈن ئولتۇراق رايونىدا، مەھەللە خەتتاتلىق ھەۋەسكارلىرىنى چۇنليەن يېزىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ، ئاھالىلەرگە ۋە ئۈرۈمچىدە قېلىپ چاغان ئۆتكۈزىدىغان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە سوۋغات قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ