تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

توققۇزتارا ناھىيەسى زامانىۋىلاشقان ئات كەسپى تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى

   ئانار بۇلۇت خەۋىرى: كۆندەلەڭ بازىرى تاسبۇلاق كەنتى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئات بېقىش چوڭ كەنتى بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئەتراپتىكى ئوتلاقلاردا ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، ئات بېقىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. خارمىيات قۇدايبېرگېن كەنتتىكى ئات باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، 1000 مودىن ئارتۇق چارۋىچىلىق فېرمىسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ بىرنەچچە يىلدا، توققۇزتارا ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسى، بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، خارمىيات ئەسلىدىكى ئاساستا يەنە قوتانلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، نەسىللىك ئاتلارنى كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ ئات كەسپىنى توغرا يولغا باشلىدى.

   خارمىيات مۇنداق دېدى: «مەن 2016-يىلىدىن باشلاپ ئات باققان، ئۇ چاغدا 17 ئات باقاتتىم. قىشتا بازارغا بېرىپ گۆش ئېتى سېتىۋېلىپ ئازراق پۇل تاپتىم، گۆش ئېتىدىن باشقا يەنە نەسىللىك ئات باقتىم.»

  ئات كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش ئۈچۈن، تاسبۇلاق كەنتى كەنت كوللېكتىپى نامىدا پاي قوشۇپ، خۇلاگېر ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، بىرتۇتاش بېقىلىدىغان، بىرتۇتاش ئۇرۇقلاندۇرىدىغان، بىرتۇتاش ساتىدىغان ئات باقمىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بۇنىڭغا قوشۇلدى.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسى نۇيىبېك ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئۆزىمىز ئات باقاتتۇق، ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردۇق، بىز يەتتە باقمىچىلىق ئائىلىسى كوپىراتىپقا كىردۇق، جەمئىي 160 ئات بار. ئىلگىرى كىرىمىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، ھازىر كوپىراتىپىمىزنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 300 مىڭ يۈەنگە يەتتى.»

   ئات كەسپىدىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەل كەسىپنى سىجىل ياخشى قىلىش ئاساسىدا، تاسبۇلاق كەنتى خۇلاگېر ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە ئات بەيگىسى مۇلازىمىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئالتە قوتىنىدا ئالتە «تەنھەرىكەت ماھىرى» بار، بۇنىڭ ئىچىدە «قارا مەرۋايىت» ئىسىملىك بىر ئات 2018-يىلى ئىلى ئوبلاستلىق ئات بەيگىسى جەمئىيىتىنىڭ 5000 مېتىرلىق مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن.

   ئات بەيگىسى گەرچە ياخشى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئاتلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئاسان ئەمەس، «قارا مەرۋايىت» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئاتنىڭ بەيگىگە قاتنىشىشىنى ئېلىپ ئېيتساق، خارمىيات بىر يىلنىڭ 365 كۈنىدە ئاتنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي، ئېگەر تەييارلاش، ئات كۆندۈرۈش، يۇيۇندۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويمايدۇ. ئىككى يېرىم يىل تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆپ قېتىم شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى چەۋەندازلىق مۇسابىقىسى، چەۋەندازلىق ماھارىتى كۆرسىتىش قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.

   خارمىيات مۇنداق دېدى: «<قارا مەرۋايىت> بىلەن موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى ئەڭ ياخشى ئەركەك ئاتنى نەسىللەندۈردۇق، ھازىر بوغاز بولغىلى توققۇز ئاي بولدى، بەزىلەر 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا سېتىۋالماقچى بولدى، مەن ساتمىدىم، چۈنكى مەن بۇ ئاتنى بەك ياخشى كۆرىمەن. مېنىڭ ھازىر مەشىق قىلدۇرۋاتقان ئون نەچچە ئېتىم بار، ئات بەيگىسى پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن».

  كۆندەلەڭ بازىرى ئات كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ئاممىنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشكە پائال يېتەكلەپ، ئېكولوگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شارائىتى بار كەنت ئاھالىلىرىنى باقمىچىلىق بىلەن ساياھەتچىلىكنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى ۋە يېتەكلىدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خارمىيات ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى بىرنەچچە ئەزا بىلەن بىرلىكتە دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى ئاچتى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە ئات مىنىپ، قىمىز ئىچىپ، ئات گۆشى يەپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى ھېس قىلالايدۇ. خارمىيات مۇنداق دېدى: «كۆندەلەڭ بازىرىنىڭ مەنزىرىسى ياخشى، ساياھەتچىلەر كۆپ، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنى ئاچقىنىمىزغا تۆت يىل بولدى، سودىمىزمۇ يامان ئەمەس».

  بۇ يىل، كۆندەلەڭ بازىرى ساياھەت كەسپى بىلەن ئات كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «ئات ئۈستى» ساياھەت ئىقتىسادىنى يېتەرلىك ياخشى قىلىپ، چارۋىچىلىق رايونىدىكى مول يەر ۋە ئوتلاق بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئات بەيگىسى، چەۋەندازلىق ماھارىتى كۆرسىتىش، ئاتلارنى سېتىش، ئات مىنىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئات مەدەنىيىتى كەسپىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، چارۋىچىلىق رايونى ساياھەتچىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى.

  تاسبۇلاق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قايرات يېسەنكېنلى مۇنداق دېدى: «2021-يىلى، بىز ساياھەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئات كەسپى بىلەن پۇقراۋى قونالغۇنى بىرلەشتۈرۈپ، ئات كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق سەيلە-ساياھەت قىلىپ، قونۇپ قالالايدىغان، ياخشى يېيەلەيدىغان، خۇشال ئوينىيالايدىغان پۇقراۋى قونالغۇ كەنتى قۇرىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ