تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سوغۇق سۇ بېلىقى ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتتى

  1-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ سەيخۇ بېلىقچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى سوغۇق سۇ بېلىقىنى پىششىقلىماقتا.

  1-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ سەيخۇ بېلىقچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى سايرام كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتماقتا.

  1-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ سەيخۇ بېلىقچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئارشاڭ سوغۇق سۇ بېلىقى ئەلا سورت يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى يېتىشتۈرۈش ئۈسكىنىسىدىكى ئاق سالمون بېلىقى تۇخۇمىنى تەكشۈرمەكتە.

  1-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئالمىگۈل ئائىلىسىدىكىلەر كالا باقماقتا. ئىشلەمچىلىك قىلىپ بىر ئۈلۈش پۇل تاپسا، باقمىچىلىق قىلىپ بىر ئۈلۈش پۇل تاپىدۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا.

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لياڭ جىڭ خەۋىرى، فوتوسى): «قىش پەسلى چۈجە چىقىرىپ، مايسا يېتىشتۈرۈشنىڭ يۇقىرى پەللىسى، مېنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق خىزمىتىم بۇ بېلىق تۇخۇملىرىنى پەرۋىش قىلىش». 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ سەيخۇ بېلىقچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئارشاڭ سوغۇق سۇ بېلىقى سورتىنى يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە، خىزمەتچى ئالمىگۈل باقىت يېتىشتۈرۈش ئۈسكىنىسىدىكى ئاق سالمون بېلىقى تۇخۇمىنى تەكشۈردى، «بۇلار تۇراقلىق تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق يېتىشتۈرۈش ئۈسكىنىسى، ھەر يىلى تاللاپ يېتىشتۈرۈلگەن 15 مىليون بېلىجان سايرام كۆلىگە قويۇپ بېرىلىپ تەبىئىي بېقىلىدۇ».

  ئالمىگۈل ئارشاڭ ناھىيەسى دالىمتى يېزىسى بورا كەنتىدىن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش شىنجاڭ سەيخۇ بېلىقچىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەيدىغان دېھقان-چارۋىچىدىن يەنە 200 نەچچىسى بار. «ھازىر بىر ئايلىق كىرىمىم 3500 يۈەنگە يېتىدۇ، ئۆيۈمدە يەنە 20 تۇياق كالا باقىمەن، كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى ئالمىگۈل.

  «شىركەت سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى كۆلىمىنى يەنىمۇ زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سۇ يۈزىدىن پايدىلىنىپ باقمىچىلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوغۇق سۇ بېلىقى كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىدۇ» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تيەن جىكاڭ.

  «ئارشاڭ ناھىيەسى سوغۇق سۇ بېلىقى ئۆزگىچە باقمىچىلىقى، سېتىش، چوڭقۇر پىششىقلاش ۋە ئۆزگىچە ساياھەت تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى ئارشاڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى دىڭ نىڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ