تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى 2021-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ +5G تېببىي داۋالاش، ساغلاملىقنى ئەمەلىي قوللىنىشنى ئەمەلىي قوللىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى 13 تۈرنى ئېلان قىلدى.
بۇ تۈرلەر ساغلاملىق باشقۇرۇش، يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش، كېسەللەرنى ئاقىل تىزگىنلەش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش-داۋالاش، ئېغىر كېسەللەرنى يىراق مۇساپىلىك كۆزىتىش، دوختۇرخانا باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپكە چېتىلىدىغان بولۇپ، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئورۇنلىرى مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە جەنۇبىي-شىمالىي شىنجاڭدىكى ئالاقىدار دوختۇرخانىلار، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ 5G ئاقىل ئاممىۋى سەھىيە ئۇچۇر سۇپىسى بۇ قېتىمقى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى. تۈر 5G تېخنىكىسى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئەشيا بىرلەشمە تورى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، رايون چېگرىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاممىۋى سەھىيە باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ سەزگۈر، تېز سۈرئەتلىك ئۇچۇر توپلاش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش، ئۇچۇر پەرقلەندۈرۈش، ئۇچۇر ئېلان قىلىشقا ئالاقىدار ئۇچۇر ئەمەلىي قوللىنىش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايون (ناھىيە، شەھەر)نىڭ ئاممىۋى سەھىيە كاپالىتى ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە تېببىي داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇش، يوچۇقسىز جىپسلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش-ئامما تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ «قىزىلسۇ ئوبلاستىدا نومۇر ئېلىپ، جياڭسۇدا كېسەل كۆرسىتىش»، «قىزىلسۇ ئوبلاستىدا نومۇر ئېلىپ، جياڭسۇدا B چاۋغا چۈشۈش» تۈرى يىراق مۇساپىلىق دىياگنوز قويۇش، يىراق مۇساپىلىك كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش، يىراق مۇساپىلىك ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلمىغان كېسەللەرگە جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى تېببىي داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويدى ھەمدە داۋالاش ۋاسىتىسىگە قارىتا پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ جاينىڭ تېببىي داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچى ئاممىسىغا بەخت ياراتتى.