شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 20دە، «تيەنۋېن 1-نومۇر»لۇق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ موتورىغا ئوت يېقىلىپ، يەر شارى بىلەن مارس ئارىسىدىكى يۆتكىلىش بۆلىكىدە 4-قېتىملىق ئوربىتىنى يېرىم يولدا تۈزىتىش ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، پىلان بويىچە مارسنى نىشانلاشقا كاپالەتلىك قىلىندى. دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ماس قەدەمدە «تيەنۋېن 1-نومۇر»نىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مارسقا تەخمىنەن 2 مىليون 200 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىن ئېرىشكەن تۇنجى مارسنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. ھازىرغا قەدەر، «تيەنۋېن 1-نومۇر» ئوربېتىدا 197 كۈن ئۇچتى، يەرشارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 184 مىليون كىلومېتىر، مارس بىلەن بولغان ئارىلىقى 1 مىليون 100 مىڭ كىلومېتىر، ئۇچۇش مۇساپىسى تەخمىنەن 465 مىليون كىلومېتىر بولۇپ، تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ھەرقايسى سىستېمىلىرىنىڭ ھالىتى ياخشى بولدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى