تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

جاڭ گوفېڭ: كالا بېقىپ «ئېسىل» كۈنگە ئېرىشتىم!

   تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار قارلىغاش، ئارمان فوتوسى، خەۋىرى): شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى قىزىل تاش بازىرى شيالغىنقامىس كەنتىدىكى بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن دېھقان جاڭ گوفېڭ پىشقان كالا بېقىش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، شۇ جايدا خېلى نامى بار ئالا ئىنەك باقمىچىلىقى ماھىرىغا ئايلاندى، ئۇ كالا بېقىش ئارقىلىق ئائىلىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىمۇ بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلىدى.

   جاڭ گوفېڭنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى زېرەك ۋە قابىل بولۇپ، ئاسانلىقچە يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدۇ. «ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنى، قانچىلىك قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك.» بۇ ئۇنىڭ دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزى. 2005-يىلى، ئەسلىدە ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار جاڭ گوفېڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، 30 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، ئىلىدىن ئۈچ ئالا ئىنەك سېتىۋېلىپ، كەنتتە تۇنجى بولۇپ ئالا ئىنەك باققان كىشى بولۇپ قالدى.

   «ئەينى چاغدا سىياسەتنىڭ يۆلىشى مېنىڭ ئالا ئىنەك سېتىۋېلىش ئىرادەمنى چىڭىتتى» دېدى جاڭ گوفېڭ: «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۆزۈممۇ كۆپرەك تىرىشىپ، ئۈچ ئالا ئىنەك سېتىۋېلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن زېھنىمنى باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ئىرادە باغلىدىم».

   ئىلگىرى ئۇچرىشىپ باقمىغان نەسىلگە قارىتا، جاڭ گوفېڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق، كەنت تەشكىللىگەن تۈرلۈك باقمىچىلىق بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، بارا-بارا ئالا ئىنەك بېقىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى. 2006-يىلى باقمىچىلىق پەن-تېخنىكىسىدىكى ئۈلگىلىك ئائىلە بولۇپ باھالاندى.

   «كالىغا يەم-خەشەك بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئۇنىڭ يەيدىغىنى ئادەتتىكى يەم-خەشەك بولسىمۇ، ئەمما، كېسىش ئۇسۇلىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار بار. ئەگەر بەك ئىنچىكە بولۇپ قالسا، كالا يېسە ئاسانلا كۆڭلى ئېلىشىدۇ. بەك توم كېسىۋەتسە، يەنە ئاسانلا يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يىرىك ۋە ئىنچىكە يەم-خەشەكلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىپلا قالماي، كالىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىلمىي بېقىش كېرەك.» كالا بېقىشتىكى چوڭ-كىچىك ئىشلار تىلغا ئېلىنسا، جاڭ گوفېڭ ناھايىتى ئورۇنلۇق سۆزلەيىتتى.

  «باقمىچىلىقنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ھەربىر ھالقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.» باقمىچىلىق پەن-تېخنىكىسىدىكى ئۈلگىلىك ئائىلىگە ئايلانغاندىن كېيىن، كەنتتىكى باشقا كەنت ئاھالىلىرىمۇ بەس-بەستە جاڭ گوفېڭدىن تەلىم ئالدى، ھەربىر ئائىلە ئالا ئىنەك سېتىۋالغاندا جاڭ گوفېڭنى باقمىچىلىققا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، جاڭ گوفېڭمۇ كەنت ئاھالىلىرىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى. «مەن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، سىياسەتنىڭ يۆلىشى بىلەن، تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ھازىر مەن ياخشى كۈنگە ئېرىشتىم، مەن چوقۇم بۇ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم بىلەن يۇرتداشلار بىلەن بىللە كالا بېقىپ بېيىيمەن» دېدى جاڭ گوفېڭ.

   بىر نەچچە يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق، نۆۋەتتە جاڭ گوفېڭنىڭ ئالا ئىنىكى 150كە يەتتى، كىرىمى ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە ئاشتى، يەنە شەھەر رايونىدىن ئۆي سېتىۋالدى، تۇرمۇشى يىلدىن يىلغا ياخشىلاندى. «مەن كالا بېقىپ بېيىش يولى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىمەن، باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بىرلىكتە بېقىشقا يېتەكلەپ، ئەتراپىمدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ماڭا ئەگىشىپ بىرلىكتە ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشكە يېتەكلەيمەن.» كەلگۈسىگە نىسبەتەن، جاڭ گوفېڭنىڭ ئىشەنچىسى كامىل.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ