تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ لۇبىن، نيۇ يۈمېڭ، كۇڭ ۋېيخۇا، لو جىۋېي خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بىر مەيدان ئۆزگىچە، جانلىق «قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى . چۇنليەن يېزىش، چۇنليەن سوۋغات قىلىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئاھالىلەر ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان چۇنليەنلەرنى تاللاپ، خۇشاللىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئوتقاشتەك پانۇسلار ۋە چاغانلىق رەسىملەر باغراش ناھىيەسى بازىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى جانلاندۇرۇۋەتتى، ھەممە ئۆيدە چۇنليەن، بەخت خېتى ۋە ئاسما زىننەت بۇيۇملىرى چاپلىنىپ، قويۇق چاغان كەيپىياتى نامايان بولدى.