ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 5 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، شەۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى. شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق خامچوتى توغرىسىدىكى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى يەتتە قارار لايىھەسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىش نىزامى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.