ئانار بۇلۇت خەۋىرى: چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، باغراش ناھىيەسىدىكى كوچا- كويلاردا چاغان كەيپىياتى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. شەھەر رايونىدىكى ھەرقايسى سودا سارىيى، تاللا بازارلار كۆزنى قاماشتۇرىدىغان «قىزىل پانۇس»، «جۇڭگو تۈگۈچى» قاتارلىق ئەنئەنىۋى چاغانلىق بېزەك بۇيۇملار بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، تالىشىپ سېتىۋېلىشتەك قىزغىن مەنزىرە شەكىللەندى.
2-ئاينىڭ 4-كۈنى، باغراش ناھىيەسىدىكى توپ سېتىش بازىرىدا، باھاسى ئون نەچچە يۈەندىن نەچچە ئون يۈەنگىچە بولغان چۇنليەن، جۇڭگو تۈگۈچى، قىزىل پانۇس قاتارلىق چاغانلىق ئاسما بېزەك بۇيۇملىرى كەڭ ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. كوچىنىڭ ھەممىلا يېرىدە خىلمۇخىل قىزىل پانۇسلار ۋە جۇڭگو تۈگۈچلىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى، پۈتۈن كوچا ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، نۇرغۇن ئاھالىنى بۇ يەرگە كېلىپ تاللاپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.
«بۇنىڭ مەنىسى تىنچ-ئامان بولۇش، يىلمۇ-يىل مولچىلىق بولۇش، ئۆيگە ئېسىپ قويسا ياكى باشقىلارغا سوۋغا قىلسا ناھايىتى ياخشى». بىر چاغانلىق مال يايما ئورنىنىڭ ئالدىدا، سودىگەر چېن لىۋېي خېرىدارلارغا دۇكانغا يېڭىدىن كىرگۈزگەن چاغانلىق ئاسما بېزەك بۇيۇملارنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى. ھەر يىلى ھازىرلاشقا تېگىشلىك بايراملىق بۇيۇملاردىن باشقا، ئەنئەنىۋى قىزىل پانۇس، قۇت نەقىشى، فۇنيۇ كالا بېزىكى قاتارلىق قۇت، ئامانلىق ۋە ساغلاملىق مەنىسىگە ئىگە بېزەك بۇيۇملار ئىستېمالچىلارنىڭ تېخىمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
باغراش ناھىيەسى باغراش بازىرى ياڭگۇاڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لى يا مۇنداق دېدى: «چاغان كېلەي دەپ قالدى، بىز چاغانلىق مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن چىقتۇق، تاللا بازىرىدا نۇرغۇن قىپقىزىل بېزەك بۇيۇملارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق، مەخسۇس كېلىپ سېتىۋالدۇق، چاغان كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى بولدى».
مەنبە: باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىرلار نيۇ يۈمېڭ، سىچىن گاۋۋا