تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: 2020 - يىلى، شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا «قوش غەلىبە»نى قولغا كەلتۈردى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپتىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاسارەت بىلەن ئېلىشىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن بولدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، تىرىشىپ «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك. قەشقەر ۋىلايىتى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ ھەم ئۇنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىشتا سىجىل كۈچەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، بولۇپمۇ نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، خەلق تۇرمۇشى تۈرى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئامما خىزمىتىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇش كېرەك. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىق پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بېرىپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ