ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى تەكلىپ كومىتېتى 2 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھە)نى قاراپ چىقتى. 2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سائەت 14كىچە، يىغىن جەمئىي 815 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق 815 پارچە تەكلىپ ئىچىدىن 704 پارچىسى تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزۇلغان، 111 پارچىسى پىكىر ۋە تەۋسىيەگە ئۆزگەرتىلگەن. تۇرغۇزۇلغان تەكلىپ ئىچىدە ئەزالار تەكلىپى 542 پارچە بولۇپ، %77نى ئىگىلىگەن؛ كوللېكتىپ تەكلىپ 162 پارچە بولۇپ، %23نى ئىگىلىگەن.
تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەر ئىچىدە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تەكلىپ 284 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %40ىنى ئىگىلىگەن؛ سىياسىي قۇرۇلۇش تۈرىدىكى تەكلىپ 41 پارچە بولۇپ، %6نى ئىگىلىگەن؛ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپ 227 پارچە بولۇپ، %32نى ئىگىلىگەن؛ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپ 92 پارچە بولۇپ، %13نى ئىگىلىگەن؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى تەكلىپ 60 پارچە بولۇپ، %9نى ئىگىلىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەرنى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپ تاپشۇرۇش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزىدىكەن ھەم ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە يوللاپ بېرىدىكەن.