تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىنى باشلاش

− ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن خاتىرە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لياڭ لىخۇا، لى ياڭ

قايناق ھېسسىيات قىش كۈنلىرىنى ئىللىتتى، كاتتا يىغىن مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئۈستىگە ئالدى. 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن كەلگەن ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەركىزىي شەھەرگە جەم بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان تاپشۇرۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدىنى ئېلىپ چوڭ قەدەملەر بىلەن يىغىن مەيدانىغا كىردى.

يىغىن باشلانماي تۇرۇپلا، نۇرغۇن ئەزا بالدۇرلا يىغىن مەيدانىغا كېلىپ بولدى، كۆپچىلىك ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پاراڭلاشتى، تەسىراتى ئۈستىدە توختالدى، تەرەققىيات توغرىسىدا پىكىرلەشتى. قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەزالار قىزغىن مۇزاكىرە قىلىدىغان تېما بولدى.

«14 - بەش يىل» باشلانغان، يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى ئەمىن قىلىشنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى. قىزغىن ئالقىش ساداسى كۆپ قېتىم ياڭرىدى، بۇ ئالقىش ساداسى ئورتاق سادا، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىشەنچ بولۇپ، ئەزالارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتەك يۈكسەك مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلىسەك، سەپىرىمىز جاپا - مۇشەققەتكە تولغان بولسىمۇ، كۈرەش نەتىجىلىرىمىز كۆرۈنەرلىك بولدى. «ئۆتكەن بىر يىل ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ قەتئىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ بىزنى يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىقنىڭ يوقلۇقىغا تېخىمۇ قەتئىي ئىشەندۈردى!» ئەزا دىڭ گۇيفېڭ مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، كۆپچىلىك مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، قول تۇتۇشۇپ، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە مېھىر - مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى.

ئەزا مەرھابا ھوشۇر بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇردى، قالتىس جايلىرىنى ئاڭلىغاندا ئىختىيارسىز قىزغىن چاۋاك چالدى. ئۇ ئۆتكەن بىر يىلدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىپ، ئەقىل - چارە كۆرسىتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ سالمىقى بار «جاۋاب قەغىزى» تاپشۇرغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

بىر يىلدىن بۇيان، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئورۇنلار ۋە مەخسۇس كومىتېتلار 767 پارچە تەكلىپ تاپشۇردى، قاراپ چىقىش ئارقىلىق 668 پارچە تەكلىپ ئەنگە ئېلىندى، «يۈزتۇرا كېڭىشىش نىسبىتى» «بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتى» «رازى بولۇش نىسبىتى» بىردەك %100 بولدى. تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەزالار تېخىمۇ روھلاندى.

«100نىڭ كەينىدە %100 ئەستايىدىللىق بار، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئورنۇم، رولۇم بارلىقىنى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ سەھنىدە تېگىشلىك قىممىتىمنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىمنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.» ئەزا سۈن يۈخۇا مۇنداق دېدى: بۇ يىل داۋاملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ سالمىقى بار تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى ھەم كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.

«مەن بۇ قېتىم ئۈستىقۇددۇس كەسپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئېلىپ كەلدىم، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئەزا مېھراي ئابدۇقادىر.

يىغىن مەيدانىدىن چىققاندا مەزمۇت قەدەملەر تاشلاندى. كېيىنكى بىرنەچچە كۈندە، ئەزالار شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەقىل - چارە كۆرسىتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ