تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ناشتىلىقتىكى زۆرۈر تۆت نۇقتا

  سەھەردىلا چارچىغاندەك ھېس قىلىپ، خىزمەت، ئۆگىنىشتە روھىي كەيپىياتىڭىز تۆۋەن بولۇۋاتامدۇ؟ ئەگەر سىزدە مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنىڭ توغرا بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ناشتا قىلماسلىق ياكى توغرا ناشتا قىلماسلىق ساغلاملىققا ھەرخىل پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن. مەسىلەن، ياپونىيە توكيو داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ناشتا قىلىشقا ۋاقتى يوق ياكى ناشتا قىلىشقا ئادەتلەنمىگەن كىشىلەردە ئاسانلا تەشۋىشلىنىش، مەيۈسلىنىش قاتارلىق سەلبىي كەيپىياتلار پەيدا بولىدىكەن؛ ئەنگلىيە لىدس داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاساسەن ناشتا قىلمايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسى دائىم ناشتا قىلىدىغانلارغا قارىغاندا 10.25 نومۇر تۆۋەن بولۇپ، ئىككى دەرىجە پەرقلىنىدىكەن؛ جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ 220 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %22 يۇقىرى بولۇپ، ئۆلۈش نىسبىتى %25 تىن ئاشىدىكەن. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ناشتىلىق قىلىپلا قالماي، يەنە ناشتىلىقنى ياخشى، توغرا قىلغاندا، بىر كۈنلۈك ئېنېرگىيەگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.

    بىر ۋاق قۇۋۋەتلىك ناشتىلىق تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، كاربون سۇ بىرىكمىسى تەركىبلىك يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، بولكا، موما، قارا ئاشلىق شوۋىگۈرۈچى قاتارلىق ھەرخىل ئاساسلىق يېمەكلىكلەر. كاربون سۇ بىرىكمىسى مېڭە بىۋاسىتە ئېھتىياجلىق «يېقىلغۇ» ____ گلۇكوزىغا ئايلىنالايدۇ، ئۇ مېڭىنى ھەربىر ئىش قىلغاندا، مەسىلەن، تەپەككۇر يۈرگۈزگەندە، خاتىرە قالدۇرغاندا، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغاندا ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. گلۇكوزا بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولغاندا، مېڭە ھۈجەيرىسى جانلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ناشتىدا ئەڭ ياخشىسى سۇلۇ، خۇڭشۇ قاتارلىق قارا ئاشلىقلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك، ئۇلار داۋاملىق قان قەنتىنى تەمىنلەش بىلەن بىرگە، يەنە B تۈردىكى ۋىتامىنلار، مېڭە ئېنېرگىيەسىنىڭ ماددا ئالمىشىشىغا پايدىلىق. ئىككىنچىدىن، ئاقسىل تەركىبلىك يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، گۆش، بېلىق، سۈت قاتارلىقلار، قان قەنتى ئاستا ئۆرلىگەندىن كېيىن تېخىمۇ تۇراقلىشىدۇ. ئاقسىل تەركىبىدىكى تىروسىن بەدەندىن دوپامىن، ئادرېنالىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئادەمنىڭ پىكرىنى ئۆتكۈر قىلىدۇ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تەركىبىدە لېتسىتىن مول يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، تۇخۇم، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر. لېتسىتىن ھەزىم قىلىنىپ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، خولىن قويۇپ بېرىدۇ، بۇنىڭدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسى ئاتسېتىل خولىننى ھاسىل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، نېرۋا سىستېمىسى فۇنكىسىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ياكى ياخشىلايدۇ. تۆتىنچىدىن، مول ۋىتامىن، مېنىرال ماددا تەركىبلىك يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، يېڭى مېۋە-كۆكتاتلار. ۋىتامىن بىلەن مېنىرال ماددىلار چوڭ مېڭىنى قۇرغۇچى زۆرۈر ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

    يۇقىرىقى پىرىنسىپقا ئاساسەن، كۆپچىلىككە ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرىدىغان ئىككى خىل ناشتىلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن: 1. بىر ئىستاكان سۈت، بىر تۇخۇم، ئىككى پارچە سۇلۇ ئۇنى بولكىسى، بىر شوخلا؛ 2. بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى، قاتلىما كالا گۆشى كۆكتات تۈرمىلى. بۇ ئاساستا يەنە كىچىك بىر سىقىم قاتتىق پوستلىق مېۋىلەر، مەسىلەن، ياڭاق، قارىغاي ئۇرۇقى قاتارلىقلار بولسا تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. (تيەنجىن دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ئوزۇقشۇناسى كاڭ رۇيشۆ)

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ