بۇ بىر نەچچە يىلدا، تەن چېڭجۈن ھەر يىلى دېگۈدەك باشلامچىلىق بىلەن بىر قېتىم دېھقان-چارۋىچىلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈپ كەلدى. سۈرەتتە، تەن چېڭجۈن سۈرەتكە تارتىلغان دېھقان-چارۋىچىلارنى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى (2020-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).
1-ئاينىڭ 22-كۈنى، يۇقىرى سۈپەتلىك لايىھەنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن، تەن چېڭجۈن (سولدىن 2-كىشى) فوتو سۈرەت كەسىپداشلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
تەن چېڭجۈن سانجى شەھىرى مىئەرگۇ يېزىسى خېشيئېر كەنتىدە «ئاۋۇل» چارۋىچىلار فوتو سۈرەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا يان تېلېفوندا سۈرەتكە تارتىش ماھارىتىنى چۈشەندۈرمەكتە (2019-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان).
تەن چېڭجۈن ئات چانىسىغا ئولتۇرۇپ سانجى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا يېتىپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلدى (2020-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان).
ئىختىيارىي مۇخبىر خې لۇڭ خەۋىرى، فوتوسى
«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ پايدىسىدا، ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، خاس باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق چارۋىچىلار مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈردى» دېدى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ كادىرى تەن چېڭجۈن، «بۇلتۇر، بىز چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدۇق، بۇنىڭدىكى مەقسەت فوتو ئاپپارات ئارقىلىق يېزا-كەنتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ، يۇرتىمىزنىڭ گۈزەللىكى، بېيىغانلىقىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق دېھقان-چارۋىچىلارنى قوللىرىغا ئاپپاراتلىرىنى ئېلىپ بەختلىك تۇرمۇشىنى سۈرەتكە تارتىشقا ئىلھاملاندۇردۇق».
2014-يىلى، سانجى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا تارقاق ئولتۇراقلاشقان 650 ئائىلىلىك قازاق چارۋىچى تاغلىق رايوندىن مىئەرگۇ يېزىسى خېشيئېر كەنتىگە كۆچۈپ كېلىپ مۇقىم ئولتۇراقلاشتى، ئۇلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سۇ ۋە ئوت-چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشى بىلەن خوشلاشتى. تەن چېڭجۈن مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، مۇقىم ئولتۇراقلاشقان چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئۇلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان ئېھتىياجىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى بولماقتا».