تىيانشان تورى خەۋىرى: قىش پەسلىدىكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈيتۈن شەھىرى كۈمۈش لىباسقا ئورالغان بولۇپ، رۈنمىن دەرياسى ئېكولوگىيە باغچىسىدىكى مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىغا قىزىل مېۋىلەر ئېسىلىپ، ئوماق، زېرەك تەيپىڭ قۇشلىرىنى ئوزۇق ئىزدەشكە جەلپ قىلدى. ئۇلار موكىدەك قاتناپ، تەبىئەتنىڭ سوۋغىسىدىن ھۇزۇرلاندى، شۇنداقلا كۈيتۈننىڭ قىش پەسلىگە ھۆسن قوشتى.
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى