تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتتى

ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر قادىلبېك قاخان خەۋىرى، فوتوسى): ئىشىك ئالدىغا پانۇسلار ئېسىلىپ، ئەتراپ بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى... شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى بازار جەمى بازىرى چامغۇرلۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى كەنت ئاھالىلىرىگە جۇڭگو تۈگۈچى، چوڭ قىزىل پانۇس سوۋغا قىلىش بىلەن بىللە، ئۇلارغا يەنە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

1-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى بازار جەمى بازىرى چامغۇرلۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىسى رىجاۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى چامغۇرلۇق كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە پانۇس ۋە جۇڭگو تۈگۈچى ئېسىپ، ئۇلارغا بايراملىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چامغۇرلۇق كەنتىدە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قانات يايدۇردى. شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى خەتتاتلىق، گۈزەل سەنئەتنى يېزا-كەنتلەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، داڭلىق خەتتاتلار، گۈزەل سەنئەتكارلارنى ئاساسىي قاتلام يېزا-كەنتلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەتتاتلىق، گۈزەل سەنئەت بويىچە تەربىيەلەش، لېكسىيە سۆزلەش ھەم خەتتاتلىق، گۈزەل سەنئەتنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

خىزمەت ئەترىتى شەندۇڭ ئۆلكىسى رىجاۋ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، چامغۇرلۇق كەنتىدە مەدەنىيەت بازىسى بەرپا قىلدى، 5000 مېتىردىن ئارتۇق دۆلەت مەدەنىيىتى ئىلمى مەدەنىيەت تېمى ياسىدى ھەم 800 كىۋادرات مېتىرلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئىستىراھەت مەيدانى قۇردى، كەنت تارىخى سارىيى سالدى، 600 پارچىدىن ئارتۇق چاتما رەسىم ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى چامغۇرلۇق كەنتىدە بەرپا قىلغان دۆلەت مەدەنىيىتى ئىلمى مەدەنىيەت تېمى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ماتېرىيال توپلاش، ئىجادىيەت ۋە كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە پائال تەشكىللىدى. شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى فوتوگرافلار جەمئىيىتى تەشكىللەپ يولغا قويغان «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مول نەتىجىگە ئېرىشكەن دولان يۇرتى گۈلزارلىقى — مەكىت ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش فوتو سۈرەت تور كۆرگەزمىسى»نىڭ توردا كۆرۈلۈشى 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى؛ شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى سەنئەتكارلار جەمئىيىتى داڭلىق رەسساملارنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنى نۇقتا بويىچە تەربىيەلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم رەسىملەرنى ئىجاد قىلىپ، ياخشى سىزىلغان 70 پارچە دېھقانلار رەسىمىنى تاللاپ، «مەكىت ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش دېھقانلار رەسىملىرى تور كۆرگەزمىسى»گە چىقاردى؛ شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى مۇزىكانتلار جەمئىيىتى 12 ناخشا-مۇزىكا يازغۇچىسىنى مەكىت ناھىيەسىگە بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس تېمىسىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۈچ ناخشا-مۇزىكا ئىجاد قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى چامغۇرلۇق كەنتىدە بەرپا قىلغان شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئىستىراھەت مەيدانى.

بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەت ئەترىتى چامغۇرلۇق كەنتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، 50 نەچچە دېھقان شائىرنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ دېھقانلار شېئىرلىرى توپلىمى «قەلبىمدىكى مۇھەببەت»نى نەشر قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كەنتنىڭ مەدەنىيەت كەيپىياتىنى ئۆستۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ