تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەپ چاغاننى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش

تىيانشان تورى خەۋىرى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىنىشى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قانداق كۈچەيتكەندە يېڭى يىلنى ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا، بېيجىڭ شەھىرى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سەككىز تۈرلۈك تەكلىپ بەردى:

ئاددىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك

ئاز توپلىشىش، ئاز سىرتقا چىقىش، زۆرۈر بولمىغان ئوپچە يىغىلىش، غىزالىنىشنى ئازايتىش، ئادەم زىچ توپلاشقان ئوپچە يىغىلىش، غىزالىنىشنى ئۆتكۈزمەسلىك ياكى قاتناشماسلىق كېرەك. يېپىق بوشلۇقتا يىغىلىش قىلىشتىن ساقلىنىش، پائالىيەت ئىمكانقەدەر قىسقا بولۇشى كېرەك. ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەخسىي مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىلمىي ماسكا تاقاپ، بىخەتەر ئىجتىمائىي ئالاقە ئارىلىقىنى ساقلاش كېرەك.

ئاممىۋى قاتناشقا ئولتۇرغاندا ساغلاملىق مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، يولۇچى توشۇش قاتارلىق قاتناش تارماقلىرىنىڭ ساغلاملىق تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىپ، پۈتۈن مۇساپىدە ئۆز مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئايروپىلان كۈتۈش، پويىز ساقلاش ۋاقتىدا، ئامال بار ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بوشلۇقتا ساقلاپ تۇرۇش، ئادەم كۆپ، قىستا-قىستاڭ سورۇنلاردا ئۇزاق تۇرماسلىق كېرەك.

يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى ۋە تازىلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك

ئامال بار مۇنتىزىم ئاشخانىلارغا بېرىپ تاماق يېيىش، ئىمپورت قىلىنغان سوغۇق زەنجىرسىمان يېمەكلىكلەرنى تاللاپ سېتىۋالغاندا، شەخسىي مۇداپىئەگە دىققەت قىلىش، سىرتقى ئورالمىسىنى دېزىنفېكسىيەلەشنى ياخشى ئىشلەش، تۈرگە ئايرىپ رايونغا ئايرىپ ساقلاش، خام يېمەكلىك ۋە پىششىق يېمەكلىكنى ئايرىش، تولۇق پىشۇرۇش كېرەك. ئاشخانىدا ھاۋا ئالماشتۇرۇش ۋە پاكىزلىقنى ساقلاش، زۆرۈر تېپىلغاندا مۇھىت ۋە قاچا-قۇچا، قازان-قومۇچلارنى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. غىزالانغاندا ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش، ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ياۋايى ھايۋانلارنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.

ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك

قولنى پات-پات يۇيۇش، تاماقتىن بۇرۇن ۋە تاماقتىن كېيىن، تەرەتتىن بۇرۇن ۋە تەرەتتىن كېيىن، كۆز، ئېغىز، بۇرۇنغا تېگىشتىن بۇرۇن قولنى سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇپ، ئېقىپ تۇرىدىغان سۇدا چايقاش كېرەك. يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئەمەل قىلىش، يۆتىلىپ، چۈشكۈرگەندە جەينەك ياكى قەغەز بىلەن توسۇش، ئېغىز، بۇرۇن ئاجرالمىلىرىنى قەغەز بىلەن ئوراپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاش، قالايمىقان تۈكۈرمەسلىك كېرەك.

ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش كېرەك

قىش پەسلىدە ھاۋا سوغۇق، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشچان بولغاچقا، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن كىيىم-كېچەكنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش ۋە ئازايتىش؛ ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش، تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىش، ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق غىزالىنىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، كەيپىياتنىڭ تۇراقلىق بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

بىئاراملىق ھېس قىلغاندا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك

قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق گۇمانلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسىنى تاقىۋېلىپ، يېقىن ئەتراپتىكى مۇنتىزىم دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇپ دوختۇرغا كۆرۈنۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ