تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي، جۇ تىڭ): شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى كېپىنەك كۆلى باغچىسى دۆلەت بويىچە 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 606 مو، سۇ دائىرىسى كۆلىمى تەخمىنەن 270 مو، كۆل شەكلى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن كېپىنەككە ئوخشىغاچقا، كېپىنەك كۆلى باغچىسى دەپ ئاتالغان. بۇ باغچا 2017-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، توققۇزتارا ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەر ئارام ئالىدىغان، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ياخشى جايغا ئايلاندى.
قىش كۈنلىرىدىكى كېپىنەك كۆل باغچىسى كۈمۈش لىباسقا ئورالغان بولۇپ، قىروۋ بىلەن كۆك ئاسمان بىرلىشىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى.