تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

خوشۇت ناھىيەسى: ئارقا تىرەك ئورۇن قەلبلەرنى ئىللىتىپ كۈچ ئاتا قىلدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر خاتىرجەم مۇلازىمەت قىلدى

  ئانار بۇلۇت: مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، بۇ خىل ئاجىزلار توپىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، خوشۇت ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، سودا-سانائەت ئىدارىسى، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئارقا تىرەك ئورۇن ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، داۋالاش كارىۋىتى، تەرەت قاچىسى قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى.

  كەنت ئاھالىسى مېڭگېن سەيسىكې پۇت-قولى، كۆرۈش قۇۋۋىتى 1-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ، 2020-يىلى يىقىلىپ كېتىپ ئىككى پۇت سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن. «خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماڭا ئىزچىل قىزغىن ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت، ئاغرىپ قالغاندىن بۇيان، سىلەرنىڭ ماڭا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت، ھەر قېتىمقى بايرامدا مېنى يوقلاپ كېلىپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت» دېدى مېڭگېن سەيسىكې كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا.

  يا دەن موماي بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن بولۇپ، پۇت-قولى 2-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ قالغىنىغا ئون يىلدىن ئاشتى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر داۋالاش كارىۋىتىنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندا، يا دەننىڭ ئوغلى چۆ جيې مۇنداق دېدى: «رەھمەت سىلەرگە، ھازىر ئانام داۋالاش كارىۋىتىنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئاستا-ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، ھارغىنلىق تۇيغۇسىنى پەسەيتتى».

  خوشۇت ناھىيەلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى ئارقا تىرەك ئورۇننىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى مېيىپلەرنى تەكشۈرۈپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى مېيىپلەرنىڭ ئېھتىياج تىزىملىكىنى رەتلەپ چىقىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىلتىماس قىلىشىغا ماسلىشىپ، مېيىپلەر ماھارەت تەربىيەسى كۇرسى ئېچىپ، دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىدىن پايدىلىنىپ مېيىپلەرگە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلدى. قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى مېيىپلەر ئۈچۈن مەبلەغ سېلىپ ھاجەتخانا ئۆزگەرتىش، قىشلىق كۆمۈر، چۈجە سېتىۋېلىش، چاقلىق ئورۇندۇق، يول يۈرۈش ئۈسكۈنىسى، تىڭشىغۇچ، ھاسا، داۋالاش كارىۋىتى قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىلتىماس قىلىپ، ئۇلارنى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق ئورگانىزملارنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەردى.

مەنبە:خوشۇت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، ئىختىيارىي مۇخبىر ئۇلان

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ