يىمى گۈرۈچى بىر خىل قارا ئاشلىق ھېسابلىنىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يىمى گۈرۈچى تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقدارى %12.8كە يېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ تۈرى، سانى ئادەم بەدىنىنىڭ ئېھتىياج سەۋىيەسىگە يېقىنلىشىدىكەن. يىمى گۈرۈچىنىڭ باشقا ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىمۇ بىرقەدەر گەۋدىلىك ئىكەن، مەسىلەن: تاماق تالاسى گۈرۈچتىن تەخمىنەن ئىككى ھەسسە يۇقىرى ئىكەن، ۋىتامىن (B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىن، ۋىتامىن E نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) گۈرۈچنىڭ تەخمىنەن 2 ~ 3 ھەسسىسىگە، مىنېرال ماددىلار (كالتسىي، كالىي، ماگنىي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) گۈرۈچنىڭ تەخمىنەن 2 ~ 1.5 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يىمى گۈرۈچى تەركىبىدە يەنە كۆپ خىل بىئولوگىيەلىك ئاكتىپ ماددىلار بار.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، يىمى گۈرۈچىنىڭ تەبىئىيىتى سوغۇق، يىرىك تالالار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئانچە ياخشى ھەزىم بولمايدۇ، شۇڭا سوغۇقتىن بولغان بەدەن سۈپىتى ۋە ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلار ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىىندى