تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

بۇ يىل «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايدىغان بىرىنچى يىل، بارلىق خىزمەتلەر ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق، ئۆلچەمنى بوشاشتۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، ئۇ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم مىزان.

2020-يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىشتە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. كەڭ خەلق ئاممىسىغا بوران-چاپقۇن يېتىپ كەلگەندە، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نوپۇزىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم يۆلەنچۈك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

ئۆتكەن بىر يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ ئاساسلىقى بەش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچى، پارتىيە بايرىقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش جەريانىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇلدى. ئىككىنچى، «ئىككىنى قوغداش» زىچ چۆرىدىلىپ سىياسىي نازارەتچىلىك يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە نازارەتچىلىكى كۈچەيتىلىپ، سىياسىي كۆزىتىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، «تۆت خىل ھالەت»نى قوللىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلار چۆرىدىلىپ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش كۈچەيتىلدى. ئۈچىنچى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق قەتئىي تۈگىتىلىپ، ئىستىلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش جەريانىدا ساختىپەزلىك قىلىش مەسىلىلىرى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كېڭەيتىلىپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك داۋاملىق تۈزىتىلىپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرى قەتئىي تۈزىتىلدى. تۆتىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى ھالىتى چوڭقۇر ئىگىلىنىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇش بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىلىپ، نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان چىرىك ئۇنسۇرلار قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، دىققەت سىياسىي مەسىلە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىك دېلولىرىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەگە سادىق بولمىغان، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىچىلەر قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپ، سىياسىي قانۇن سىستېمىسىدىكى چىرىكلىك قىلچە كەڭچىلىك قىلماي قاتتىق جازالىنىپ، نامراتلارنى يۆلەش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» ئاخىرغىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى. بەشىنچى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، ئىدىيەنى باشقۇرۇش، خىزمەتنى باشقۇرۇش، ئىستىلنى باشقۇرۇش، ئىنتىزامنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كۈرەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلار تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈلۈپ، ئۇرۇش سېپىدە مۇنەۋۋەر ئاكتىپلار تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ پارتىيەگە كىرگۈزۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن رازى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ. جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە ئەڭ زور خەۋپ-خەتەر يەتكۈزىدىغان چىرىكلىك يەنىلا مەۋجۇت، ساقلانما مىقدارى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئېشىش مىقدارى يەنىلا يۈزبېرىۋاتىدۇ. چىرىتىش ۋە چىرىتىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، سەللا بوشاڭلىق قىلساق، ئەجرىمىز يوققا چىقىشى مۇمكىن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا تاللاش يوق، جەزمەن قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «پارتىيەمىز 100 يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشى، ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشى، جەزمەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر دەقىقىمۇ توختىتىپ قويماي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.» ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار جەزمەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، باشتىن-ئاخىر «ئىمتىھان بېرىش»تەك سەگەكلىكنى ساقلاپ، «چىرىتىش»، «قورشاپ ئوۋلاش»قا قارىتا ھوشيارلىقنى ساقلاپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق تۈزەش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش ئىدىيەسى بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تىنچلىق-قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش-خارابلىشىشتىن ئىبارەت تارىخىي دەۋرىيلىكتىن سەكرەپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك چوڭ پاراخوتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلارنى قەلبكە پۈكۈش دەل 100 يىللىق سالاپەت. «14-بەش يىل»نى باشلاپ، يېڭى مۇساپىنى ئېچىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قىلغان ئۇلۇغ ئىنقىلابىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىسەك، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ