تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى 2021- يىللىق 1- قېتىملىق يىغىن ئاچتى

دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2021 - يىللىق 1 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 2020 - يىللىق پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى خۇلاسە ھەم 2021 - يىلىدىكى ساياھەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ئەھۋالى قاتارلىق خىزمەت دوكلاتلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، شىنجاڭنىڭ 2021 - يىلىدىكى ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى بەرپا قىلىش پىلانى قاتارلىق قارالمىلار قاراپ چىقىلدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ساياھەت كەسپى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق يېتىشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تۈۋرۈك كەسپى بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولغا ئىگە. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن نىشان ئورنى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى زىچ چۆرىدەپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئالدىنقى شەرت ۋە كاپالەت قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئېڭىنى بوشاشتۇرماسلىق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ قېيىپ كەتمەسلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسپى بازىرى سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە، مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىگە پائال تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت بايلىقى بىلەن ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەر تەرەپلىمە يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان بىر تۈركۈم سەر خىل ساياھەت لىنىيەسى، خاس ساياھەت مەھسۇلاتى بەرپا قىلىش كېرەك. ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ قىيىن بولۇش، بىر راۋان بولماسلىق»تەك بوغما ھالەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، «تېز كىرىش، ئاستا ساياھەت قىلىش» پۈتۈن رايون ساياھىتى قاتناش سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ساياھەت ئۇچۇرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەقلىي ساياھەتكە تۈرتكە بولۇپ، ئەقلىي مەنزىرە رايونى قۇرۇش كېرەك. تەشۋىقات، ماركېتىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خاس ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، «بىر جايدا بىر تەدبىر بولۇش» «بىر پەسىلدە بىر تەدبىر بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، تور سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، بازار تەرتىپىنى مەخسۇس تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى تەلەپچانلىقنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى بىلەن خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مەدەنىيەت، ساياھەت تارماقلىرى ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار ئەزا ئورۇنلار پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، جاۋ چۇڭجيۇ، جاۋ چىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ