تىيانشان تورى خەۋىرى: جارىسبېك ئالپباي شىنجاڭ ئالتاي شەھىرى سارخولىسۇن يېزىسى سارخولىسۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى. مەخسۇس تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، جارىسبېك 2019-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ كەسپىي تىرېنېرى بولۇپ، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىغا قار تېيىلىش ماھارىتىنى ئۆگەتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىشلىق ساياھەت قىزغىنلىقى ئاستىدا، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى نۇرغۇن يېزا-بازارلار قىشلىق تۈرلەر بويىچە تەربىيەلەشنى تەشكىللەپ، شۇ جايدىكى ياشلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.
مۇخبىر: سادات