تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي: بۇ يەردىن ئەسلىي مەقسەتنى تېپىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گو جىڭدەن، ۋۇ جېندۇڭ

شاڭخەي شەھىرى شىڭيې يولى 76-نومۇر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي بولۇپ، 91 مىليون 914 مىڭ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى يۇرت - ماكانى.

نۇرغۇن ئادەم «داكا» قىلىش ئۈچۈن كېلەتتى: ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر يىلدا 1 مىليون 470 مىڭغا يېقىن ئادەم قېتىم ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان بۇ قىزىل يەر بەلگىسىنى مەنمۇ جەزمەن كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىم كېرەك؛

نۇرغۇن ئادەم قەلبىگە ھۆرمەتنى پۈكۈپ كېلەتتى: پارتىيە بايرىقىغا قاراپ تۇرۇپ، مەن ئەسلىي مەقسەت باشلانغان جايدا پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلايمەن؛

نۇرغۇن ئادەم ئوي-پىكىر بىلەن كېلەتتى: بىرىنچى 100 يىلنى كۈتۈۋالغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغ نەتىجە يارىتىشتا زادى قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى؟

1921-يىلى، ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش بولغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىنىڭ 13 ۋەكىلى 18 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆيدە «مىسلىسىز ئۇلۇغ ۋەقە»نى كېڭەشتى، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ قىياپىتى شۇنىڭ بىلەن ئۆزگەردى.

ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتتى، بۈگۈنكى كۈندىكى ياشلار تارىخنى سۆزلەش داۋامىدا ئەسلىي مەقسەتنى يەتكۈزدى، شۇنداقلا خىزمەتتىكى پىكىر يۈرگۈزۈش داۋامىدا ھاسىلاتقا ئېرىشىپ ئۆسۈپ يېتىلدى. «مەن ياخشى <تەرجىمان> بولۇپ، قىزىل تارىخنى ئىستېرېئولۇق، نۇقتىلىق ھالدا ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى ئاممىغا نامايان قىلىپ بېرىمەن.» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي خاتىرە سارىيىدىكى «90-يىللاردا تۇغۇلغان» چۈشەندۈرگۈچى لى شىنتۇڭ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئېكسكۇرسىيەچىلەر چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكى> توغرىسىدا تەسىراتقا ئىگە بولسا، مانا بۇ مەن ئۈچۈن چەكسىز شەرەپ».

«كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ تۇنجى جۇڭگو تىلىدىكى تولۇق تەرجىمە نۇسخىسى، لى داجاۋ ئىشلەتكەن خەت بېسىش ماشىنىسى... جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي خاتىرە سارىيىدا 120 مىڭ بۇيۇم ساقلانغان. خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن ساراي باشلىقى شۈ مىڭ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردە مەنىۋى يۇرت-ماكاننى قوغداپ، پارتىيە قۇرۇش مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كۆرۈنۈشلەرنى <سۆزلىتىپ>، تەسىرلىك ھېكايىلەر ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى شەرھلەيمىز».

ھېكايە سۆزلەيدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. خاتىرە سارايدا «پارتىيە دۇنياغا كەلگەن جاي» بىر پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بولۇپ، نوپۇزلۇق پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىدىن تارتىپ ئەمدىلا كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلارغىچە، قەددى-قامەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم جەڭچىلىرىدىن تارتىپ تېخى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزمىگەن ئوقۇغۇچىلارغىچە، چۈشەندۈرۈش سۆزلىرى ئۇلارنىڭ قەلبىگە مەھكەم ئورنىدى، شۇنداقلا ئۇلار ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى ئۆز خىزمىتى، تۇرمۇشىغا ئېلىپ كىرگەنىدى.

ھېكايە سۆزلەش شەكلىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. 2020-يىلى، خاتىرە ساراينىڭ چۈشەندۈرگۈچىلىرى دىكتورلارغا «ئايلىنىپ»، توردا بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق ئاممىنى «بۇلۇت خاتىرە سارىيىنى» ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى؛ خاتىرە ساراي ئاۋىياتسىيە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، «سارايدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق گۆھەر» بولغان «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى»نىڭ ھېكايىسىنى 10 مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇققا ئېلىپ چىقىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاندا يولۇچىلارغا پارتىيە قۇرۇش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى؛ «ۋاڭجى يولى 106-نومۇر» توڭلاتقۇ چاپلىقى، «شۇدېلى» خاتىرە دەپتىرى، ئىچىگە «مەخپىي ئالاقە» سېلىنغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى يۈرۈشلۈك قاپچۇقى... خاتىرە ساراينىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت كوللېكتىپى «ھەم قىزىل، ھەم مودا» مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، قىزىل تارىخنى تارقىتىشنى يېڭى ۋاسىتىگە ئىگە قىلدى.

كۈتۈشكە ئەرزىيدىغان يەنە نۇرغۇن نەرسە بار. 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي ھەم ئەسلىدىكى كۆرگەزمە زالىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاقتىنچە توختىتىلىپ، رېمونت قىلىنىپ ئۆزگەرتىلدى. ھازىر، رېمونت قىلىش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتىدۇ، قۇرۇق تام، ئۆگزىدىكى كاھىش، ئىشىك بېشىدىكى نەقىش قاتارلىقلار «كونا قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، شىكۇمېن ئۇسلۇبىدىكى 100 يىللىق كونا ئىمارەت يېڭى قىياپەت بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايغا يېقىن يەردە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىمۇ جىددىي قۇرۇلۇۋاتىدۇ. يېڭى ئاساسىي كۆرگەزمە زالىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 3700 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، دىققەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى شاڭخەيدىكى ئىنقىلاب ئەمەلىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، 1000دىن ئارتۇق تۈرلۈك كۆرگەزمە بۇيۇمى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەلىي كۆرگەزمە بۇيۇمى 600 دىن ئاشىدۇ.

پۈتكەندىن كېيىنكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي، قەسەم بېرىش زالى، يېڭىدىن سېلىنغان كۆرگەزمە ساراي قاتارلىق قىسىملاردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن سېلىنغان كۆرگەزمە ساراينىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 9600 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاساسىي كۆرگەزمە زالى، دوكلات بېرىش زالى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يىل 5-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، «1-ئىيۇل»دىن ئىلگىرى ساراي رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ.

«شۇ چاغدا كونا، يېڭى ئىمارەتلەر شىڭيې يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قەد كۆتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش شەكلىدىكى، كوچا، رايون شەكلىدىكى مۇزېينى شەكىللەندۈرىدۇ» دېدى شۈ مىڭ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاينىڭ يېنىدىكى ئاۋات، مودا شىنتيەندى سودا رايونىدا كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. قىزىل تارىخ مۇشۇ يەردە بولۇپ، ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتكىنى يوق؛ قىزىل گېن ئاللىقاچان شەھەرنىڭ مۇسكۇلىغا چوڭقۇر سىڭگەن بولۇپ، «شىنتيەندى»دا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ