تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار شىڭ جېنجياڭ، ۋارىسجان ئۆمەرجان خەۋىرى): بۇ ئىككى كۈندە، ماناس ناھىيەسى گۇاڭدۇڭدى يېزىسى يۈەنجياخۇ كەنتىدىكى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرگۈچى جوۋ شاۋجيې ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، يېڭى موگۇلارنى يىغىۋېلىش مەزگىلى كەلگەن بولۇپ، ئۇ سودىگەرلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ساندۇقلارغا قاچىلاۋاتاتتى.
«مېنىڭ ئۈچ پارنىكىم بار، ھەر كۈنى 400 كىلوگىرامدىن ئارتۇق موگۇ چىقىدۇ، ئاساسلىقى ماناس ناھىيە بازىرى ۋە شىخەنزە رايونىغا سېتىلىدۇ، ھەر كىلوگىرامى يەتتە يۈەن، بىر يىلدا 100 نەچچە مىڭ يۈەن تاپالايمەن» دېدى جوۋ شاۋجيې مۇخبىرغا.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماناس ناھىيەسى يېزىلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، يېزا ئىگىلىك ماركىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى ۋە ئىلھاملاندۇردى. جوۋ شاۋجيې بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بېيىش يولىغا ماڭدى. 2018-يىلى، ئۇ 150 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئۈچ پارنىكنى ھۆددە ئېلىپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈردى.
1-ئاينىڭ 6-كۈنى، جوۋ شاۋجيې موگۇ ئۈزمەكتە.
ۋارىسجان ئۆمەرجان فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى، ماناس ناھىيەسىنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش كۆلىمى 1 مىليون خالتا بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2019-يىلىدىكىدىن %3 ئېشىپ، ئۆز جايىدا 100دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلغان.
جەنۇبنىڭ مېۋىسىنى شىمالدا ئۆستۈرۈپ ئۇتۇق قازانغان لى يىڭجيەننىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى، ئۇ بۇ يىلى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ يۆلىشى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.
«14-بەش يىل»دا، ماناس ناھىيەسى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، يېشىل يېزا ئىگىلىكىدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىپ، كۆلەملىشىش، تۈجۈپىلىشىش، خاسلىشىشتەك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، خاس تىرىقچىلىق كەسپىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى يېڭى موتورغا ئايلاندۇرماقچى.