تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى سانائەت مەھسۇلاتلىرى «بۇلۇت ئۈستى چاغانلىق مال بايرىمى»دا بازارغا سېلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 1-ئاينىڭ 18-كۈنى تېلېگراممىسى (پىراكتىكانت رېن يۆشىڭ): 1-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى) ئۇيۇشتۇرغان «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش چاغانلىق مال بايرىمى» بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مۇلازىمەت مەركىزىدە باشلاندى. 10دىن ئارتۇق سانائەت داڭلىق ماركا كارخانىسى 20 نەچچە خىل مەھسۇلاتىنى ئېلىپ كېلىپ، دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلارغا شىنجاڭنىڭ چاغانلىق ياخشى بۇيۇملىرىنى تونۇشتۇردى.

  بۇ قېتىمقى بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى) ئۇيۇشتۇرغان «كارخانىلار مۇلازىمىتىنى بۇلۇتقا چىقىرىش، بۇلۇت ئۈستىدە كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پائالىيەتتە چىلان، ياڭاق قاتارلىق باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، يەنە تيەنرۇن نەيپى، تۆگە سۈتى پاراشوكى، چوڭ قاچىلىق ئەتكەن چاي، نۇقۇت تالقىنى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆگىنىش كۆز ئاسراش چىرىغى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى كۆپەيتىلگەن. قاتناشقان كارخانىلار بەس-بەستە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق، مەھسۇلاتلارنى سېتىش بازارلىرىنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى (چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ خۇڭجۈننىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل، ئۇلار داۋاملىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كارخانىلار مۇلازىمەت بۇلۇت سۇپىسىغا تايىنىپ، «ئەنئەنىۋى تور سىرتى + يېڭىدىن گۈللەنگەن تور» قاتارلىق كۆپ خىل يوللارنى تەڭ قوللىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ