بەزى ئەھۋاللاردا، قولنى پەقەت سوپۇن ۋە ئېقىۋاتقان سۇ بىلەن يۇيۇش كېرەك:
بىرىنچى، يېمەكلىك تەييارلاشتىن بۇرۇن، تەييارلاش جەريانىدا ۋە تەييارلاپ بولغاندىن كېيىن.
ئىككىنچى، نەرسە يېيىشتىن بۇرۇن.
ئۈچىنچى، قۇسۇش ياكى ئىچى سۈرگەن ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندىن كېيىن.
تۆتىنچى، يارا ئېغىزىنى داۋالاشنىڭ ئالدى–كەينىدە.
بەشىنچى، ھاجەتخانىغا كىرگەندىن كېيىن.
ئالتىنچى، زاكا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ياكى تازىلىق ئۆيىنى ئىشلىتىپ بولغان بالىلارنىڭ تازىلىقىنى قىلغاندىن كېيىن.
يەتتىنچى، ھايۋانلار، ھايۋانلارنىڭ يەم-خەشىكى ياكى ھايۋانلارنىڭ تېزىكى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن.
سەككىزىنچى، ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن.
توققۇزىنچى، ئەخلەت ياكى خىمىيەلىك بۇيۇملار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن.
ئونىنچى، قول روشەن مەينەت ياكى مايلىشىپ كەتكەندە.
ئەگەر يېنىدا سوپۇن ۋە سۇ بولمىسا، ئىسپىرت مىقدارى ئاز دېگەندە %60لىك قول دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ ھەمدە قولنى دەرھال سوپۇن ۋە ئېقىۋاتقان سۇ بىلەن يۇيۇش كېرەك.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى