ئانار بۇلۇت: ناھىيە دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزىدىن بىرى، يېزا-بازار ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىدىن 12سى، كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 23ى... بۈگۈنكى كۈندە خېجىڭ ناھىيەسىدە، ئېلېكتىرونلۇق سودا «تولۇق ئىقتىدارلىق ماھىر»غا ئايلىنىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلماقتا.
2015-يىلى 7-ئايدا 2-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى قىلىپ بېكىتىلگەندىن بۇيان، خېجىڭ ناھىيەسى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ «ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى»گە ئاساسەن، پائال پىلانلاپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزىلارغا كىرگۈزۈشتىكى ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
بۈگۈنكى كۈندە، خېجىڭ ناھىيەسىدە ناھىيە دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزىدىن بىرى، يېزا-بازار ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتىدىن 12سى، كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 23ى ھەم بايىنبۇلاق ئېلېكتىرونلۇق سودا O2O سىناق سارىيىدىن بىرى بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش تورى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، ئەشيا ئوبوروتى لىنىيەسى پۈتۈن ناھىيەدىكى 55 مەمۇرىي كەنتكە تۇتاشتۇرۇلدى. مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %100 يەتتى. پۈتۈن ناھىيە بويىچە 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە جەمئىي 8000 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېلېكتىرونلۇق سودا خادىمى تەربىيەلىنىپ، 3000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولۇندى.
مەنبە: خېجىڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، لى شۇلىڭ، پەن لياڭ