تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا، كەنت، مەھەللىلەردە سودىيە ئىشخانىسىدىن 1486نى تەسىس قىلدى

سودىيەلەر ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ماجىرالارنى شۇ جايدا ھەل قىلدى

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا، كەنت، مەھەللىلەردە سودىيە ئىشخانىسىدىن 1486نى تەسىس قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: «سودىيە مۇنداق چۈشەندۈرگەنىدى، كۆڭلىمىز يورۇپ كەتتى!» 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، ماناس ناھىيەسىنىڭ ماناس بازىرىدىكى سودىيە ئىشخانىسىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۆي ئىجارە ماجىراسى تۈپەيلىدىن زىددىيەتلىشىپ قالغان ماناس ناھىيەسى ئاھالىسى ياڭX بىلەن جاڭX قول ئېلىشىپ يارىشىپ قالدى.

بۇلتۇر 3-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھەربىر يېزا-بازاردا ئاز دېگەندە بىر خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسى ياكى بىر سودىيە ئىشخانىسى تەسىس قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، بىر كۆزنەكلىك كۆپ مەنبەلىك ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، پائال سودىيە ئىشخانىسى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دەۋانى مەنبەدىن تۈزەشكە كۈچەپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتىنى يېزا، كەنت، مەھەللىلەرگىچە ئۇزارتىپ، ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتتى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1486 سودىيە ئىشخانىسى تەسىس قىلىندى.

كورلا شەھىرىنىڭ قوشئېرىق يېزىسىدىكى گۈلزىرە ياسىن سودىيە ئىشخانىسى كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسى گۈلزىرە ياسىننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. بۇلتۇر 4-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلغاندىن بۇيان، گۈلزىرە ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئىگىلەپ، «نۆل ئارىلىق» زاكازلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، يەر ھوقۇقى تەۋەلىكى، ئائىلە ماجىراسى، ئەل ئىچىدىكى قەرز قاتارلىق زىددىيەت-ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلدى.

سودىيە ئىشخانىسى كورلىدىلا ئەمەس، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرۇلدى. نىيە ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پۈتۈن ناھىيەدىكى يەتتە يېزا-بازار ۋە بىر كوچا باشقارمىسىدا سودىيە ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، ئاممىنى يۈزتۇرا قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ چەرچەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 13 يېزا-بازاردا سودىيە ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، جەمئىيەتتە زىددىيەت-ماجىرالار يۈزبېرىشىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى ئازايتتى...

«سودىيە ئىشخانىسى قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئىشىكىمىز ئالدىغىچە يەتكۈزۈۋاتىدۇ، ھەقىقەتەن بەك ياخشى بولدى!» 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ خانىقاتام يېزىسى بازار كەنتىدىكى 70 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ئايشەم ئەمەت سودىيە ئىشخانىسىدىكى ھۆددىگە ئالغۇچى-ئالاقىلەشكۈچى سودىيەنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن، ئىككى يىلدىن بۇيان ئالالمىغان قەرز پۇلىنى قايتۇرۇۋالدى.

يېزا ئۆيلۈك يېرىنى ئېلىپ-سېتىشقا بولامدۇ-يوق، شۇ كەنتتە نوپۇسى يوق، لېكىن شۇ كەنتتە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلار نوپۇسىنى يۆتكەپ ئەكىرىشكە بولامدۇ-يوق دېگەندەك مەسىلىلەر توغرىسىدا مەسلىھەت سوراشتىن تارتىپ، قوشنىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار سەۋەبىدىن توقۇنۇشۇپ قېلىشى، يېزا قۇرۇلۇشىدا ھوقۇققا چېقىلىش ماجىراسى يۈزبېرىش قاتارلىقلارغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودىيە ئىشخانىلىرىنىڭ ھۆددىگە ئالغۇچى-ئالاقىلەشكۈچى سودىيەلىرى كۈندىلىك قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇننى چۈشەندۈرۈش، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن يۈرگۈزۈش مۇرەسسەچىلىرى، كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەربىر كەنت ئاھالىسىگە سەۋرچانلىق بىلەن قانۇن چۈشەندۈرۈپ، داۋلى چۈشەندۈرۈپ، زىددىيەت-ماجىرالارنى شۇ جايدىلا ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى