تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېشىل ياسىمىچىلىق جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

− ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى يارقىن نۇقتىلار توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان ④

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

1-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شىنجاڭ زىلولەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇتىدا، ئىشچىلار ئىچكى قىسىمنى بېزەۋاتاتتى ۋە ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇۋاتاتتى. بۇ يىل 5-ئايدا، شىنجاڭدىكى بۇ تۇنجى «ئاقىل مەركىزىي ئاشخانا» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. زىلولەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى 2020-يىلى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ 5-تۈركۈمدىكى يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش كارخانىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون باشتىن-ئاخىر يېشىل تەرەققىيات ئاساسىي رىتىمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېشىل باغچە رايونى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يېشىل زاۋۇت، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىشى ۋە يېشىل مەھسۇلاتلارنى ئېچىشىنى قوللاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۆت تۈركۈم يېشىل ياسىمىچىلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش ئورۇنلىرىنى يېتىشتۈردى.

يېشىل زاۋۇتلار ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە

ئىككى كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى ئاسىيا - ياۋروپا ئاز ئۇچرايدىغان مېتال پاي چەكلىك شىركىتى يەنە بىر تۈركۈم زاكازنى تاماملىدى. «كارخانىمىز پۈتۈنلەي زاكاز بويىچە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدۇ، نۆۋەتتە، زاكاز ئاساسلىقى جېجياڭ، جياڭسۇ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىن كېلىۋاتىدۇ، مەھسۇلاتلارنىڭ بىر قېتىمدىلا لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتتى.» بۇ شىركەت لىتىي مېتالى سېخىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو ۋېنجيې مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى، بىزنىڭ لىتىي مېتالى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھاسىل بولغان خىلور گازىنى كونترول قىلىشىمىز ناھايىتى تەس ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە شىركەت ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان تېخنىكا − تەركىبىدە خىلور بار قالدۇق گازنى ئېلېكتىرولىزلاپ سۈمۈرۈۋېلىش ئاپتوماتىك تىزگىنلەش مەشغۇلاتى DCS سىستېمىسىنىڭ ياردىمىدە مەشغۇلات رايونىنىڭ ھاۋا مۇھىتى ساپلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، لىتىي مېتالى داشقاللىرىنى %100 بىخەتەر ئايلاندۇرۇپ يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى».

ئاسىيا-ياۋروپا ئاز ئۇچرايدىغان مېتال پاي چەكلىك شىركىتى مەملىكەت بويىچە 4-تۈركۈمدىكى يېشىل زاۋۇت بولۇپ، بۇلتۇر لىتىي مېتالى ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش تۈرىنىڭ 2-قارارلىق 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1200 توننىغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى. «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىركەت 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، لىتىي مېتالى مەھسۇلاتلىرى كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرماقچى بولدى.

بۇلتۇر، دۆلەت 5-تۈركۈمدىكى يېشىل ياسىمىچىلىق تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭدىكى 15 كارخانا، ئىككى باغچە رايونى، بىر تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش كارخانىسى، 15 لايىھە مەھسۇلاتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تىزىملىككە كىردى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭدا جەمئىي ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇتتىن 120سى(دۆلەت دەرىجىلىكتىن 57نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يېشىل باغچە رايونىدىن سەككىزى(دۆلەت دەرىجىلىكتىن ئالتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش كارخانىسىدىن يەتتىسى(دۆلەت دەرىجىلىكتىن بەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاپتونوم رايون بويىچە يېشىل مەھسۇلاتتىن 29 خىلى(دۆلەت دەرىجىلىكتىن 28نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئايلانما ئىقتىسادنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئورنىدىن 21ى بەرپا قىلىنغان. يېشىل ياسىمىچىلىق بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى بەرپا قىلىش جەريانىدا، بىر تۈركۈم يېشىل ئۆزگەرتىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، يىلىغا 1 مىليون 330 مىڭ 400 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەش، يىلىغا 105 مىليون كۇب مېتىر سۇ تېجەش ياكى كېرەكسىز سۇدىن قايتا پايدىلىنىش، 21 مىليون 321 مىڭ 800 توننا قاتتىق تاشلاندۇقتىن پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون ئېنېرگىيە ئۈنۈمى، سۇ ئۈنۈمى بويىچە «باشلامچى» بولۇش ئۆلچەم خادىسىنى تىكلەپ، ئېنېرگىيە تېجەشنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، ئېنېرگىيە تېجەشكە دىياگنوز قويۇش، ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆلچەمگە توغرىلاش، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنى نازارەت قىلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت «تۆت چاق بىلەن قوزغىتىش» ئارقىلىق، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردى. شىنجاڭ جۇڭتەي مېتاللورگىيە چەكلىك شىركىتى قاتارلىق بەش كارخانا 2020-يىللىق ئېنېرگىيە ئۈنۈمى بويىچە «باشلامچى» بولۇپ باھالاندى، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مايتاغ نېفىت-خىمىيە شۆبە شىركىتى 2020-يىللىق سۇ ئۈنۈمى بويىچە «باشلامچى» بولۇپ باھالاندى.

يېشىل تەرەققىيات ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلەتتى

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايون ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەش، سۇ تېجەش، بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ساھەسى قاتارلىق سەككىز يۆنىلىشتىكى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تېخنىكا ئۆزگەرتىش تۈرىنى نۇقتىلىق قوللىدى.

بۇلتۇر، فۇكاڭ شەھىرىگە جايلاشقان نەنفېڭ رىخۇا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش تۈرىنى يولغا قويدى، بۇ يىل قىشتا، پۈتۈن زاۋۇت رايونى پار بىلەن تەمىنلەشتە پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ شىركەت يەنە يېشىل تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھاسىل بولغان پار ۋە سوۋۇتۇلغان سۇنى يىغىۋېلىپ، يەنە ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتتى، پۈتۈن يىلدا 3600 كۇب مېتىرغا يېقىن سۇنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، بۇ، كارخانىنىڭ پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. نەنفېڭ رىخۇا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ تېخنىك خادىمى جاڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى: «يىغىۋېلىنغان ئىسسىقلىقنى تۇرۇبا، زاپاس ساقلاش باكى ئىشلەپچىقىرىشتا قوشۇمچە ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئېنېرگىيەنى تېجەپلا قالماي، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ».

2015-يىلى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، نەنفېڭ رىخۇا جەمئىي 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، كېرەكسىز سۇنى بىر تەرەپ قىلىپ يىغىۋېلىش، كېرەكسىز ماتېرىياللارنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك يېشىل تېخنىكا ئۆزگەرتىش ھەم مۇھىت قوغداش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى، بۇلار كارخانىنىڭ «ئۈچ كېرەكسىز»نى قويۇپ بەرمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، ھەر يىلى كارخانىغا يەنە 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم كۆپەيتىپ بەردى.

نەنفېڭ رىخۇا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاپتونوم رايون يېشىل ئۆزگەرتىشىگە مەدەت بەرگەن كارخانىلارنىڭ بىرى. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ ياسىمىچىلىقتىكى رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى كارخانىلاردا يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسىنىڭ توپلاشتۇرۇلغان تۈر قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ جەمئىي سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى توپلاشتۇرۇلغان تۈرىدىن 14كە ئېرىشىشى، دۆلەتنىڭ 239 مىليون 800 مىڭ يۈەن قوللاش مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان بىر قاتار يېشىل ياسىمىچىلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىي 133 ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنى مەھسۇلات چىقىرىشتىن سۈپەتلىك ماركا چىقىرىشقا ئۆتىدىغان يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىدى.

يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش تېز ئالغا سىلجىتىلدى

ھازىر، ئاپتونوم رايون يېشىل لايىھە، يېشىل تېخنىكا ۋە ھۈنەر-سەنئەت، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش، يېشىل باشقۇرۇش، يېشىل تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى مەھسۇلاتنىڭ پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىيلىكىگە سىڭدۈرۈپ، مۇھىتقا بولغان تەسىرى ئەڭ ئاز، بايلىق، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەم ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغان، ھەم ئېكولوگىيە ئۈنۈمى ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىغان سانائەت يېشىل تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ يېشىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلدى. 2020-يىلى، ئاپتونوم رايون دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە بانكىسى، گۈللىنىش بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن ئاپتونوم رايونغا «ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت يېشىل تەرەققىياتىغا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى قوللاش بويىچە يولغا قويۇش لايىھەسى (2020-2022- يىل)» توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقىتىپ، 2 مىليارد 763 مىليون يۈەن قەرز پۇلدىن پايدىلىنىپ، 29 كارخانىنىڭ 34 تۈرىنى قوللاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت يېشىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك پۇل مۇئامىلە تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتونوم رايون يەنە سانائەت يېشىل تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ساھەلەر، ھەرقايسى كارخانىلار ئورتاق تىرىشىپ، سانائەت يېشىل ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سانائەتنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭدىكى بىردىنبىر مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى 203 دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل زاۋۇت قاتارىغا كىرگەن كانچىلىق كارخانىسى − پەيزاۋات ناھىيەسى تۇڭخۇي كانچىلىقى كارخانىنى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇچۇرلاشقان، رەقەملەشكەن ئاقىل كانچىلىق كارخانىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچەۋاتىدۇ. تۇڭخۇي كانچىلىقى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بولۇپ «سېمونت ۋە ھاك تاش بىلەن قاتتۇرۇپ تولدۇرۇش» تېخنىكىسىنى رەڭلىك مېتال كانىدا قوللانغان كارخانا بولۇپ، كان داشقاللىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. تۇڭخۇي كانچىلىق شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جىنبو مۇنداق دېدى: كەلگۈسى بەش يىلدا، شىركەت «قالدۇق كان ئامبىرىدىن سۇ قايتۇرۇشنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش تۈرى تەتقىقاتى» قاتارلىق بىر قاتار ئېنېرگىيە تېجەش قۇرۇلۇشلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېنېرگىيە باشقۇرۇش-تىزگىنلەش مەركىزىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

«بىز پەن-تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى، بايلىق سەرپىياتى تۆۋەن، مۇھىت بۇلغىشى ئاز بولغان يېشىل ياسىمىچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ نازىرى نىجات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئېنېرگىيە تېجەش، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، سۇ تېجەش يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى جابدۇقلىرىنى كېڭەيتىش، قوللىنىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، سانائەتنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەتنىڭ ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆلچەمگە توغرىلاش، ئېنېرگىيە تېجەشكە دىياگنوز قويۇشنى يولغا قويۇپ، ئايلانما ئىقتىسادنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ھەم سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئېكولوگىيە لايىھەسى بەرپا قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، مۇھىت قوغدايدىغان تېخنىكا ۋە جابدۇقلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى