تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭقۇر ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھرى نان ئارقىلىق بېرىلگەن ياردەم

شېن ياپىڭ

بىر خىل ھېسسىيات بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھرى چوڭقۇر بولۇش، بىر خىل قوللاش بار، ئۇ بولسىمۇ نان ئارقىلىق ياردەم بېرىش.

خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىنقى كۈنلەردە، نان، كورلا نەشپۈتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن يولغا چىقىپ، تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ، يەن، جاۋ زېمىنىغا ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ بارغان. يەرلىك پۇراققا ئىگە شىنجاڭنىڭ بۇ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى قىممەت بولمىسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ خېبېي خەلقىگە بولغان ھەقىقىي مۇھەببىتىنى سەمىمىي ئىپادىلىگەن.

ئۆزى تىيانشاندا بولسىمۇ، قەلبى يەن، جاۋغا باغلىنىش. بۇ مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش ئۇرۇق-تۇغقانلىق مېھرى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1998-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىر، ئىختىساسلىقلار بايىنغولىن ئوبلاستىغا كەلگەندىن باشلاپ، 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، خېبېينىڭ ئۈزۈلمەس ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ مەدىتى شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. ھازىر، بايىنغولىن ئوبلاستى تۇپرىقىدا ماڭساق، «خېبېي» نامىدا ئاتالغان دوختۇرخانا، مەكتەپ، ئولتۇراق رايونلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ؛ خېبېيدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار شىنجاڭنى ئىككىنچى يۇرتى دەپ بىلىپ، شۇ جايدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇش ياراتقان مەنزىرىلەرنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نىڭ جانلىق كارتىنىسى. خېبېي خەلقىنىڭ قېرىنداشلارچە مېھىر-مۇھەببىتىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، چوڭقۇر مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىگە پۈكتى.

قېرىنداشلارچە رىشتە باغلاپ، قېرىنداشلاردەك ئۆتۈش. بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، خېبېي خەلقى باشتىن كەچۈرگەن ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قىيىنچىلىقنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىۋاسىتە ھېس قىلدى؛ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتى ئۈچۈن، خېبېي خەلقىنىڭ ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقى ۋە قۇربان بەرگەنلىكىگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يۈكسەك ھۆرمەت بىلدۈردى. گەرچە تاغ-دەريالار بىلەن ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما خېبېي خەلقى ئۈچۈن چامىنىڭ يېتىشىچە بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش تىيانشان ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بۇ تۈركۈمدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ئىچىدىكى 5000 ساندۇقتىن ئارتۇق ناننى بايىنغولىن ئوبلاستى 100 ناۋاينى تەشكىللەپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ئىككى كۈن ئىچىدە تەييارلىغان.

تونۇر ئوتتەك قىزىق، ئەمما تېخىمۇ قىزغىن بولغىنى تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ قەلبى. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، قان - قېرىنداش ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار قىيىن كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولساقلا، ئۆتكىلى بولمايدىغان ليۇشاخې دەرياسى، ھالقىغىلى بولمايدىغان يالقۇنتاغ يوق، ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتى ئاپەت ئىچىدىمۇ مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى