ئانار بۇلۇت: غۇلجا ناھىيەسى تۇرپانيۈزى كەنتىدە، نۇرگۈل ئۆمەر ئىككى قولىغا تايىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» دېگەننى ئىسپاتلىدى.
نۇرگۈل ئۆمەرنىڭ ئېرى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، جىسمانىي ئەمگەك قىلىشقا ئامالسىز قالغانىدى، تۇرمۇشىمۇ ناھايىتى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى.
2017-يىلى، نۇرگۈل ئۆمەرنىڭ ئائىلىسى ھۆكۈمەت تارقاتقان 6000 يۈەن كالا قوتىنى سېلىش ياردەم مەبلىغىنى تاپشۇرۇۋالدى، لېكىن ئۆيىدىكى ئىككى كالا، ئۈچ قويغىلا تايانغان بىلەن ھەرگىز يەتمەيتتى، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نۇرگۈل ئۆمەر 2019-يىلى بانكىدىن 8000 يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىپ، 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتتە بىر قولاي دۇكان ئېچىپ، بىر تەرەپتىن ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ، بىر تەرەپتىن دۇكان ئاچتى.
2020-يىلى، نۇرگۈل ئۆمەر يەنە بىر قېتىم بانكىدىن 20 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىپ، دۇكاننىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتتى، ھازىر دۇكاننىڭ كۈندىلىك تىجارەت سوممىسى 500 يۈەن، ئايلىق ساپ پايدىسى 7000 يۈەن ئەتراپىدا بولدى.
«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە ئۆي سېلىپ بەردى، بىز دۇكان ئاچقاندا يەنە 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئۆسۈمسىز قەرز بەردى، بۇ پۇل بولمىغان بولسا، دۇكاننىمۇ ئاچقىلى بولمايتتى، بىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز» دېدى نۇرگۈل ئۆمەرنىڭ قىزى ئىنتىزار دولقۇن.
نۇرگۈل ئۆمەر بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئاچىسى بىلەن ئىككىنچى ئاچىسى ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، 2020-يىلى بىرلىشىپ 20 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، كەنتتە بىر راڭپىزا دۇكىنى ئاچتى، سودىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ھەر كۈنى 800 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە كىرىم قىلدى.
«ھازىر تۇرمۇشىمىز كاپالەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى ئىنتىزار دولقۇن.
مەنبە: غۇلجا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، فەرۇزە