شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىر فېڭ جۈنلىن خەۋىرى): 2020-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ «بىر كۆزنەكلىك» ئىسپات ئېلىش، قۇتقۇزۇش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى، ھازىر «بىر كۆزنەكلىك» دېلو بېجىرىش سورۇنىدىن 66سى قۇرۇلۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا «بىر كۆزنەكلىك» دېلو بېجىرىش سورۇنىنىڭ تولۇق قاپلىنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
2020-يىلىنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 9-تەپتىش بۆلۈمى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى بېجىرگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايەت دېلولىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئالاھىدىلىكى ۋە سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنى قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى «بىر كۆزنەكلىك» دېلو بېجىرىش سورۇنى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى بىلەن «<بىر كۆزنەكلىك> دېلو بېجىرىش مېخانىزمى ئورنىتىش مەشغۇلاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كۆرسەتمىسى»نى ئىمزالاپ، بۇ خىزمەت مېخانىزمىنىڭ نىشان-مەقسىتى، تەتبىقلىنىش ئوبيېكتى، ئىش بېجىرىش ئورنى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قانۇن ياردىمى، پىسخىكىلىق قۇتقۇزۇش، قانۇن يۈرگۈزۈش ياردىمى، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىدى.